Lyrics: 外力WaaLi/UNDASH Music: 外力WaaLi/UNDASH Recording: YUD Studio 后期:MSF 封面:UNDASH Hook: قاراڭغۇ كىچە سۈر ۋەھىمە قورقۇنۇش ئۆتۈنەي كۆزۈمنى ياشقا زورلىما تۇرمۇش UNDASH: نە سەۋەپ چۆچۆپ ئويغىنىسە سەھەردە چۈنكى سەنمۇ ئىلگىرىلەۋاتىسە ھايات ناملىق سەپەردە ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسرا ، سەن ھازىر تۈۋرۈك بۇ ئۆيگە قانداق قىلدۇ ئەگەردە يولۇقساڭ خىيىم-خەتەرگە ئانىجان لىۋى كۆپ تەگدى شۇڭا نۇرلۇق پىشانە سىڭلچاق قەيسەر لىكىن ساڭا كۆرۈنىدۇ بىچارە كۆزلۈرىڭدىن تامچىيدۇ ياش قەلىپ پىغانە يوق نىشانە لىكىن تۇرمۇش داۋاملىق سىناقلىرىنى قىلىدۇ ئىئانە بىر چىشلەم نان ھەل بولدى ناشتىلىق خۇشاللىقتا ئۆچىرەت ،لىكىن ئازاپتا باشچىلىق چىلىق چىلىق تەر ھاۋا دىمىق ئۈن سىلىپ يىغلاشقا جۈرئەت بار بەلكىم ئۇ بىر سەت قىلىق بەخىت ئۇ ئەلۋەتتە ئاددىيلا ساپ تىلەك تۇرمۇش ئەمەس ھەم مۆكۈشمەك،قوغلاشماق، ئاق تىرەك كۆزۈڭدىن ئاققان يىڭىلگەنلىكتىن دىرەك ماڭا ھەم خۇشاللىق كىرەك HOOk يىنىك شامالغىمۇ بەرداشلىق بىرەلمىگەن مامكاپ مەن ساق دەپ تەسەللي بىرىدۇ ئۆزىنى ئالداپ تەن بىرەرمىكىن دەپ ئۆلۈم تۇرىۋەرمە مىنى ساقلاپ ياشايمەن نادىر مەن تىخىمۇ چاقناپ Wolfram : كۆرمىگەننى كۆردۈم ھاياتىمدا . كۆڭلۈمگە پۈتكەن ئارزۇيۇم بار تۇرمۇش دېگىنىمىز ئادەم جەمىيەتتە پۇت تىترەپ تۇرۇش . يۈرۈش تۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ھەرگىز قىلماي ئۇرۇش گۈزەل ئاىلە قۇرۇش . بولۇپ قالدى ھەممەيلەندىكى ئورتاق بۇرۇچ . بۇ تەمسىز دۇنياغا قېتىپ خۇرۇچ . ئۆز نىشانىڭدا مەھكەم تۇرۇش . ھېچكىم يول قويمايدۇ سەن ئويلىساڭ باشقىنى . خالىمايسەن يۈرگەن قىز بولۇپ قالسا باشقىدىن ئاشقىنى . پىشانەڭدىكى تارتۇق ئۇنىڭ قالدۇرغان بەلگىسى . ئۇنىڭدىن باشقا يەنەكىم ساقايتالايدۇقەلبتىكى ,تارتۇقنى . چۈشەنمىسەڭ مەيلى ئۈمىدلىك ياشىساڭلا بولدى . ئېزىلگەن يۈرەكنى كىم تەگدى يۈرىكىڭنى ئالدى قايسىلەيلى . ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆزۈڭ يالغۇز قالدىڭ . ئازابنى يۈرەككە سالدىڭ تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدا ھاردىڭ تالدىڭ HOOK قاراڭغۇ كىچە سۈر ۋەھىمە قورقۇنۇش ئۆتۈنەي كۆزۈمنى ياشقا زورلىما تۇرمۇش يىنىك شامالغىمۇ بەرداشلىق بىرەلمىگەن مامكاپ مەن ساق دەپ تەسەللي بىرىدۇ ئۆزىنى ئالداپ تەن بىرەرمىكىن دەپ ئۆلۈم تۇرىۋەرمە مىنى ساقلاپ ياشايمەن نادىر مەن تىخىمۇ چاقناپ