Lyrics: MahinurAhmat
Music: MahinurAhmat
Arranger: MahinurAhmat
قىز باھارى
ناخشىدا: ماھىنۇر ئەخمەت
تېكىستى: ئابدۇسالام جالال
پورەكلىگەن قىزىل گۈل كەبى
شۇخ كۈلەتتۇق گۈزەل باغلاردا
لەيلى ئىدۇق يىگىتلەر مەجنۇن
بۇلبۇلنىمۇ قويۇپ ئارماندا
ئۆرىۋىلىپ سۇمبۇل چاچلارنى
ئوسما قويوپ سىزىپ قاشلارنى
قولياغلىققا چېكەتتۇق يۈرەك
ئوقۇپ قانماي سالام خەتلەرنى
ناخشا ئېيتىپ توۋلاپ جېرلانى
ئېيتىپ قانماي ئايدىڭ ئاخشامنى
ئىسىڭدىمۇ تۆكۈلگەن ياپراق
جاراڭلىغان مۇڭلۇق ناخشامنى
ناخشا ئېيتقان ئاشىق يىگىتلەر
بىزنى كۈيلەپ ئايدىڭ ئاخشامدا
ياشلىقتىكى گۈزەل چاغلارنىڭ
تۇيغۇلىرى قالدى باھاردا