yoldixidin ayrilsa ayal

Lyrics: ozhal Music: ozhal Arranger: ozhal يۈزى كۈلسە كۆزى كۈلمەيدۇ يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال يۈزى كۈلسە كۆڭلى كۈلمەيدۇ يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال قەلبى ئۆلەر ئۆزى كۈلمەيدۇ يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال
دەرت-ئەلەملەر مۇجۇپ كۆكسىنى سىقار بىر كۈچ ئۇنىڭ نەپسىنى ئۆي-ئارامدىن ئىزدەر ھىدىنى يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال ئۆي-ئارامدىن ئىزدەر ھىدىنى يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال
قەبرىستانغا قاترايدۇ پات-پات ئۆز ئۆيىمۇ بىلىنگەندە يات چېچىنى يۇلۇپ كۆتۈرەر پەرياد يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال
يۈگىرەپ بېرىپ ئاچار ئىشىكنى ئاڭلانغاندا ئاياغ تىۋىشى يوقتۇر ئەمدى قايتىپ كېلىشى يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال يوقتۇر ئەمدى قايتىپ كېلىشى يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال
ئۆيگە كۈلۈپ باقمايدۇ ئامەت چۈشتۈر غۇۋا شىر كەبى قامەت ياردۇر دىلغا پەقەت نادامەت يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال ياردۇر دىلغا پەقەت نادامەت يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال يولدىشىدىن ئايرىلسا ئايال