Lyrics: halik
Music: halik
بۇ دۇنيادا كۆپتۇر جان
كىم ياخشىدۇر كىم يامان
بۇ دۇنيادا كۆپتۇر جان
كىم ياخشىدۇر كىم يامان
ئۇلار قانداق بىلەرسەن
نەزەر سالساڭ ئەي جانان
ئۇلار قانداق بىلەرسەن
نەزەر سالساڭ ئەي جانان
جاندىن كەچمەي ئىش پۈتمەس
جان چىقماي نەپەس ئۆلمەس
جاندىن كەچمەي ئىش پۈتمەس
جان چىقماي نەپەس ئۆلمەس
قۇرۇق دەۋا سۆز ئۆتمەس
يالغان گۇۋاھ بەرسەم مەن
قۇرۇق دەۋا سۆز ئۆتمەس
يالغان گۇۋاھ بەرسەم مەن
يالغانچىنىڭ نامى يوق
گەپ-سۆزىنىڭ تەمى يوق
يالغانچىنىڭ نامى يوق
گەپ-سۆزىنىڭ تەمى يوق
ئاشىقلارغا داۋا يوق
تىۋىبىمدىن سورىسام مەن
ئاشىقلارغا داۋا يوق
تىۋىبىمدىن سورىسام مەن
تىۋىبىم سەن داۋا قىل
ھاجىتىمنى راۋا قىل
تىۋىبىم سەن داۋا قىل
ھاجىتىمنى راۋا قىل
قەرزىڭ بىلەن ئادا قىل
يولغا قەدەم قويسام مەن
قەرزىڭ بىلەن ئادا قىل
يولغا قەدەم قويسام مەن
قارا قاشىڭ ئىگىلگەن
ئىككى تەرەپكە
قارا قاشىڭ ئىگىلگەن
ئىككى تەرەپكە
ئىككى ئۇچى كېلىپ
تەگدى يۈرەككە
يارەي يارەي..
ئەي دوست تەگدى يۈرەككە
يارەي يارەي..
ئەي دوست تەگدى يۈرەككە
ئىشەنمىسەڭ سوراپ باق
يۇلتۇزلار گۇۋاھ
ئىشەنمىسەڭ سوراپ باق
يۇلتۇزلار گۇۋاھ
شۇڭا مەندەك نۇر چاچماي
كۆرىنەر غۇۋا
يارەي يارەي...
ئەي دوست كۆرىنەر غۇۋا
يارەي يارەي...
ئەي دوست كۆرىنەر غۇۋا