Yigana Darah(孤独的树)

Lyrics: Kadir Tangur Music: Kadir Tangur Arranger: Kadir Tangur يىگانە دەرەخ ئىجادىيەتچى:قادىرجان ئابدۇراھمان(تاڭنۇر) تەرجىمان:ئەلقۇتجان ياسىن بىر چاغدا يار بىلەن ئايدىڭ كېچىدە تۇراتتۇق بىر گەۋدە دەرەخ تۈۋىدە. ھەمراھمۇ بولاتتى گۇۋاھمۇ ھەم ھەتتا سۆيگىمىزگە ۋەدىمىزگە يىگانە دەرەخ. (مۇزىكا) كەتتىڭ سەن يۈز ئۆرۈپ يىراقلاپ مەندىن قالدىم مەن يىگانە دەرەخ تۈۋىدە. دەردىڭگە چىدىماي قالدى دەرەخمۇ يۇپۇرماق تاشلىدى قۇرۇپتۇ دەرەخ. قۇرۇپكەتتى نالەمگە يىگانە دەرەخ سۇ بەردىم ئىچىنىشلىق كۆز ياشىم بىلەن. شۇندىن بېرى كەلمىدىڭ كەتتىڭ قاياققا ئىزىڭ قالدى يىگانە دەرەخ تۈۋىدە.