Etwar Yoh

Lyrics: Mr.halit/不倒就是 Music: Mr.halit/不倒就是 Arranger: Mr.halit/不倒就是 ئېسىڭدىن چىقارمىغىن ساڭا ئېيتقان سۆزۈمنى . كەتكىنىڭدە قىيالماستىن قارىغان كۆزۈمنى . ئەنسىرىسەم سېنىڭدىن ئارتۇقچە بولدۇم بەلكىم . رېئاللىقلار قىينار سۆيگەن يۈرەكنى . كېتەي دېدىڭ توسالمىدىم . كەتكۈزدۈم توغرا ، مەن مۇرادقا يەتكۈزدۈم . ئۇنتاي دېدىم ئۇنتالمىدىم  سېنى كۈتۈشتىن چارچىدىم . سېغىندىم سېنى يۈرەكتىن ئىشەن . سېغىنىش پىنخانىم پەلەككە يەتتى . بۇ يۈرەك ئازابتىن يېرىلىپ كەتتى . يىغلاشتىن تىترىگەن ئازابنى ئاڭلاپ . كۆز يېشىم ھەر يانغا تىرىلىپ كەتتى . كېتەي دېدىم توسالمىدىم . كەتكۈزدۈم توغرا ، مەن مۇراتقا يەتكۈزدۈم . ئۇنتاي دېدىم ئۇنتالمىدىم سېنى  كۈتۈشتىن چارچىدىم . بۇ قاراڭغۇ كېچە سېنى ئويلاپ كۆزنى يۇممىدىم . نىدا قىلاي چۈشلىرىمگە كىرگەن سۆيگۈنۈم . كۆرۈۋالاي ماڭا باققان كۆزلىرىڭنى . ئاڭلىغۇم بار ئىدى ، ئەركىلەپ دېگەن سۆزلىرىڭنى . ئەمدى ئويلىماي . ئۆزۈڭنى قىينىماي . باسقان قەدىمىڭ خىيانەت بولسا  شۇ ئىزلىرىنى بويلىماي . كېتەي دېدىڭ توسالمىدىم . كەتكۈزدۈم توغرا ، مەن مۇراتقا يەتكۈزدۈم . ئۇنتاي دېدىم ئۇنتالمىدىم سېنى  كۈتۈشتىن چارچىدىم .