Meni Yohlar Kishi Barmu\能否思念我

Lyrics: 无 Music: 无 Guitar ئۆزەمنىڭ شەھرىدىن چىقسام مېنى يوقلار كىشى بارمۇ ؟ غېرىپلىق شەھرىدە ئۆلسەم ماڭا يىغلار كىشى بارمۇ ؟ Guitar قېنى قەۋمۇ-قېرىنداشىم بۇ يولدا يوق بىر يولداشىم كۆزۈمدىن قان ئاقار ياشىم مېنى يوقلار كىشى بارمۇ ؟ Guitar ئاشارمەن تاغ بىلەن دەريا كېزەرمەن چۆل بىلەن سەھرا كىيىكلەرگە بولۇپ ھەمرا مېنى يوقلار كىشى بارمۇ ؟ Guitar بۇ مەشرەپ زار يىغلايدۇ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ بۇيەردىن باش ئېلىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشى بارمۇ ؟