Lyrics: Muhemmet Emin
Music: Muhemmet Emin
ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئىشى
يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش
قەلبى گۈزەل مەرتلەرنىڭ ئىشى
يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش
قەلبى گۈزەل مەرتلەرنىڭ ئىشى
ياخشىلىقنىڭ قىممىتى چەكسىز
ئىشىنەيلى بۇنىڭغا شەكسىز
ئۆزىنىلا ئويلىسا ئادەم
ئاقىۋەتتە قالار يۆلەكسىز
ئۆزىنىلا ئويلىسا ئادەم
ئاقىۋەتتە قالار يۆلەكسىز
Music
ياخشىلىققا يارالغان ئىنسان
ئۇنتۇمايلى بۇنى ھەر قاچان
باشقىلارغا ياخشىلىق قىلساق
ئۆزىمىزگە قايتىدۇ ھامان
باشقىلارغا ياخشىلىق قىلساق
ئۆزىمىزگە قايتىدۇ ھامان
ياشايلى بىز شۇڭا چىرايلىق
ئەلگە خىزمەت قىلىپ داۋاملىق
بولسۇن ئەمما مىننەت تاماسىز
بىز قىلغان شۇ ھەر بىر ياخشىلىق
بولسۇن ئەمما مىننەت تاماسىز
بىز قىلغان شۇ ھەر بىر ياخشىلىق
ياخشىلىققا يانار ياخشىلىق