Lyrics: M24
Music: M24
Arranger: M24
ئاجراشماڭلار
ئىسسىق ئۆي ئېغىر كەلدىمۇ بىلمىدىم
دەتكە توشار كۆڭۈللەر تىشىپ چىقار سىرلىرىم
نە كەلسە قاراڭغۇ نە كەلسە يۇرۇق
بەلكىم كىيىدىغىنىم يىڭى ئەمەس كونا چۇرۇق
باھار بولدى زىمىستان ئۇچۇپ كەتتى گۈلىستان
قۇشلار مۇ ھەم كەلسە گەر ئۇچۇپ
يىتىلەركەن بالىسنى تۇتۇپ
ئەمدى ئەقلىنى تاپقاندا ئانام قېشىمدا دادام بىلەن دەپ
ئولتۇراتتى ناشتىلىق قىپ خاسىڭ ئارلاش بادام بىلەن يەپ
سەۋەپسىزلا جىدەل بولدى ئۆينىڭ ئىچى ئاۋازغا تولدى
دىيەممىدى كىچىك بولغاچ تالاشماڭلا ئەمدى بولدى
سۇغۇق شامال ئۇرۇلدى مەشنىڭ ئوتى سوغۇندى
ئىسسىق ئۆيگە سۇغۇق كىرىپ تەقدىرىمۇ بۇرۇلدى
كىچىك بولغاچ توساممىغاچ ئۇ كۆزلىرىمۇ ياشلاندى
نە قىلار كىمگە ئەرىز يىتىم كۈنلەر باشلاندى
پورەكلىگەن گۈللەرگە گۆزلەر تىگىپ كەتتىمۇ
ئاتا ئانا ئاجرىشىپلا مۇرادىغا يەتتىمۇ
كەتتىمۇ ئىللىق تۇرمۇش توككا ئوخشاش تەپتىمۇ
بالام دىمەستىن ئىككى يولغا بۈلىنىپلا كەتتىغۇ
ئوخشىمىغان تۇرمۇش ھە ئوخشىمىغان سىناق
ئاتا ئانىسىز ئالغان نەپەستە قۇرۇپ كەتتى دىماق
باشقا بالىلار باغچىلاردا ئاتا ئانىسى بىلەن ئوينىغاندا
بۇ بالا قۇرلۇشتا ئىشلەپ بەرگەن تاماققا تويمىغاندا
مەكتەپسىزمۇ قالغانتى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىگەچ
ياندا تۇرۇپ قېشىڭدا مەن با دەپ ھېچكىم ئۇنى يۆلىمىگەچ
سەۋەپسىزلا كەلگەن تەقدىر قىينىدى ئۇنى سىناقتا
سۆز ئاچمايلى مىھىردىن مىھىر ئۇندىن بەكلا يىراقتا
يىتىملىكتە قۇتا تىرىپ ساتقان كۈنمۇ ئاز ئەمەس
- [ ] گۈل ئېچىلىپ ئاپتاپ چىقسا لىكىن ئۇنىڭغا ياز ئەمەس
ساز ئەمەس ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە مۇڭلۇق ناخشىلارمۇ
ئاز ئەمەس ئۇنى يۈلەپ سەپكە قاتقان ياخشىلارمۇ
شاپتۇل چىچىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن گويا قۇرۇپ كەتكەندەك
يولدا ماڭسا 15 سۈرئەت 120 يەتكەندەك
نالە قىلسا كىم ئاڭلاركەن تۆتتە ياخشى كىم داڭلاركەن
ئاستا قەدەم ئالغان بولسىمۇ ھەم تىۋىشلارى ئاڭلاركەن
كۆتەگەن شۇ تاپانلارمۇ ئېغىر بىلىنەر ئۇنىڭغا
پۇل تېپىش بىلەن جاننى ساقلاش بار ئۇنىڭكى بويىندا
8 ياشتىن تارتىپ ھازىچە ياتمىغانتى ئاتا ئانا قوينىدا
ئېغىر بېسىم چارچاشلار بار پەقەتلا دولىدا
مىھىرلەرنىڭ بەرگىمۇ خۇددى قۇرۇپ كەتكەندەك
كۈپكۈندۈزمۇ قاراڭغۇدەك قارا ئۆڭكۈرگە كەلگەندەك
توپا تەستەك كىيىملەردە يۈرەتتى كوچا بويىدا
قۇساق توقلاش پۇل تېپىشلا باتتى ئۇنىڭ ئويىدا
تويىدا كىم تۇراتتى ئۇ بالىنىڭ يېنىدا
يالغۇز مەن دەپ سىڭىپ كەتكەن ئۇ بالىنىڭ خۇيىغا
ئىككى ئېغىز سۆز قىلىۋىتەي ئاجراشماڭلار ئاتا ئانىلار
كىچىك تۇرۇپ تاشلىنىپلا يىتىم بولمىسۇن سەبىي بالىلار