Lyrics: Rewayat730/Money
Music: Rewayat730/Money
Arranger: Rewayat730/Money
بىراۋنىڭ كۆزى ئەمادۇر,
مىھىر كۆزى كۆرەر ئالەم,
بىراۋنىڭ كۆزلىرى روشەن,
سېخى كۆزىدە نۇر يوقتۇر,
كۆڭۈل ئەسلىدە بىر كەڭلىك,
ئۇنىڭغا سىغىدۇ دۇنيا,
قەلىب دەرياسىدا ئاققان,
قاقاس چۆللەردە غەم يوقتۇر,
مۇزىكا,
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر ناخشا,
ئىگىز ئەۋجىگە تەڭكەش ساز,
بەزەن مۇڭلاندۇرار ئەمما,
بەزەن شۇ سازدا تار يوقتۇر,
مۇھەببەت يوللىرى مۈشكۈل,
خىجالەت دوقمۇشى پىنھان,
ۋاپادارى كۈلۈپ ئۆتسە,
ۋاپاسىزلارغا يول يوقتۇر。