Qatma Usulluk Nahxilar

Arranger: Turghunjan Tursun ئۈنۈمدە: شەپقەت شۆھرەت كۈندە كېلىسىز، كۈندە كېلىسىز كۈندە نېمىش با كۈندە كېلىسىز، كۈندە كېلىسىز كۈندە نېمىش با قولىڭىزدا تىشاڭ، شەپكە ئېتىزلىقتا نېمىش با قولىڭىزدا تىشاڭ، شەپكە ئېتىزلىقتا نېمىش با يار قارىسا نازلىنىپ يۈرەكلىرىم گۇپ-گۇپ، گۇپ-گۇپ سوقىدۇ ھەي سىز نېمىشقا كەلمەيسىز بىز نېمىشقا بارمايمىز قوغلاشقانغا ئۇنىمايسىز ئا قەدرىمىزنى بىلمەيسىز مۇزىكا كۈندە كېلىسىز، كۈندە كېلىسىز كۈندە نېمىش با كۈندە كېلىسىز، كۈندە كېلىسىز كۈندە نېمىش با قولىڭىزدا تىشاڭ، شەپكە ئېتىزلىقتا نېمىش با قولىڭىزدا تىشاڭ، شەپكە ئېتىزلىقتا نېمىش با يار قايدۇ يا، يار قايدۇ سۆيگەن يارلىرىڭ قايدۇ يارنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشام شەمۇشەگە تارقايدۇ سىز نېمىشقا سۆيمەيسىز قەدرىمىزنى بىلمەيسىز قوغلاشقانغا ئۇنىمايسىز ئا سۆيگىنىمنى بىلمەيسىز مۇزىكا ئۇيان ئۆتىسەن لەپ-لەپ بۇيان ئۆتىسەن لەپ-لەپ بۇيان ئۆتىسەن لەپ-لەپ لەپ-لەپ، لەپ-لەپ، لەپ-لەپ قوللىرىم تېلىپ كەتتى سەن يارىمنى شەرەتلەپ سەن يارىمنى شەرەتلەپ ئو...ھوي....ئە....ھەي.... سەن يارىمنى شەرەتلەپ مۇزىكا ئۇيانىغا تاشلاپ ئوينىسۇن بۇيانىغا تاشلاپ ئوينىسۇن ئۇيانىغا تاشلاپ ئوينىسۇن بۇيانىغا تاشلاپ ئوينىسۇن بىزنى ئەسكى دېگەنلەر ئاھ يۈرىكىم دەپ ئويلىسۇن بىزنى ئەسكى دېگەنلەر ئاھ يۈرىكىم دەپ ئويلىسۇن ئۇ يەرلىرىڭىز، بۇ يەرلىرىڭىز چىۋىن چاققان يەرلىرىڭىز ئۇ يەرلىرىڭىز، بۇ يەرلىرىڭىز چىۋىن چاققان يەرلىرىڭىز يۈرىكىمنى بەك ئاغرىتتى ئاخشام قىلغان گەپلىرىڭىز مۇزىكا ئۇستام ياقىدۇ توخۇنىڭكىدە بىزمۇ ياقىمىز چۈجىنىڭكىدە ئۇستام ياقىدۇ توخۇنىڭكىدە ۋاي بىزمۇ ياقىمىز چۈجىنىڭكىدە ئۇستام ياقىدۇ تېكىنىڭكىدە بىزمۇ ياقىمىز بۇقىنىڭكىدە ئۇستام ياقسا ئالمايدۇ بىزلەر ياقساق قالمايدۇ ئۇ يەرلىرىڭىز، بۇ يەرلىرىڭىز چىۋىن چاققان يەرلىرىڭىز ئۇ يەرلىرىڭىز، بۇ يەرلىرىڭىز چىۋىن چاققان يەرلىرىڭىز يۈرىكىمنى بەك ئاغرىتتى ئاخشام قىلغان گەپلىرىڭىز يۈرىكىمنى بەك ئاغرىتتى ئاخشام قىلغان گەپلىرىڭىز ئاخشام قىلغان گەپلىرىڭىز