Nap Basak Yahxi

Lyrics: Kurbanjan mahmut Music: Kurbanjan mahmut Arranger: iskandar eziz خوش ، غوجام دەپ ھەممىگە ئېلىپ بەرسەك ياخشى .  چاقىرغاندا لەببەي دەپ كېلىپ بەرسەك ياخشى .  بار ، قىلسۇنكى ھېچكىمنى زار قىلىپ قويمىسۇن .  مەيلى تۇغقان ياكى دوستقا نەپ بەرسەك ياخشى .  سالسام دەيدۇ دوپپامغا لىققىدە جىگدە .   ئۆزى خوشتۇر كۆڭلۈڭنى قىلىۋالسا زېدە .  ئالسام دەيدۇ كۆرۈپ ، قالسا قولۇڭدا گىردە .  ماقۇل ، دەپلا دېپىغا ئۇسسۇل سېلىپ بەرسەك ياخشى .  ئادەم تۇرۇپ ئادەمگە يارىماق قىيىن .  نەپ بەرمىسەڭ ئالدىدا نەرىڭ بىر تىيىن .  شالتىقى يوق ، شاپاققىمۇ ، قونمايدۇ چىۋىن .  سېنىڭ راست دەپ چاۋاكنى چېلىپ بەرسەك ياخشى .  دوستۇم دەيدۇ ئاغزىدا يۈرەكتىن دېمەس .  پايداڭ يەتمىسە ھەرگىزمۇ يىقىلساڭ يۆلىمەس .  ئادەم دېگەن ، شۇنداق نەرسە قىلغاننى بىلمەس .  ئۇنىڭدىن ھايۋانغا يەم بەرسەك ياخشى .  سېنىڭ راست دەپ چاۋاكنى چېلىپ بەرسەك ياخشى .