Tengirqash

Lyrics: Rejez Music: Rejez Arranger: Rejez ‏Recording‎:KEVSER
Producer: Mr.Perman
‏封面:Zikir
‏歌词翻译:KEVSER
نېمە بولدۇم، كىمدىن سوراي؟ نەدىن بىلەي مەن؟ ‏心忧何解?无人可问
‏‎كەلمىگەن تەلىيىمنى نەدىن ئىزدەي، نەدىن تىلەي مەن؟ ‏满心迷茫,欲问此运在何方
‏‎چېچىلغان بەختىمنى نەدىن يىغاي، نەدىن تېرەي مەن؟ ‏我想拼凑的好命碎片从指缝溜走
‏‎ئىسسىق جېنىملا قالدى ئالساڭ شۇنىلا بېرەي مەن! ‏如今只剩这一条命,你若渴望,那便拿去
‏‎تەۋەللۇت ئوتتۇزدىن ئاتلىماي تۇرۇپلا ئۆتتى نى سەۋدا ئەلەم باشتىن، ‏未及而立年,风雨已万千
‏‎بىر مىننەتسىز ئىلتىپات كۆرمەي نى يېقىنىم سەنەم قەلەم قاشتىن، ‏寻找着,但没找到那从未降临的温柔相助
‏‎قۇيرىقىمنى قۇم باسماي نەچچە ئۆلدۈم ئاتلىماي چوڭ قەدەم ياشتىن! ‏青春尚未迟暮,心却已千疮百孔
‏‎خېلى بولدى! خۇشلۇق تاپتىم تېنچ يۈتكەن كاپام ئاشتىن! ‏有些微不足道的瞬间却有着神奇的治愈力
‏‎تەتۈر پىشانەم،‎بىر ئىشىم ئوڭ، ئون ئىشىم قوڭ، ‏每一步的失误
‏‎خەندانىم غۇم، پىغانىم ئون، ‏都刺痛我疲惫的心房
‏‎دىلىمدا پەرياد، كۆزۈمدە خۇن، ‏精心编制的计划如画
‏‎پىلان مەي باغلاپ، نەتىجە توڭ، ‏可命运的风,吹散完美的图案
‏‎ئەمما مېھىر كاملاپ، دىخمارىم قۇم، ‏我渴望温暖的手,和煦的光
‏‎مەندىن نارازى نۇرغۇن، ‏但,众人的舌尖吐出利箭
‏‎راست گەپ بۇ ھاياتتا كەلمىدى تۇرغۇم! ‏我已无力再熬
‏‎ئەي تەقدىر ئۆتۈپ كەت ئۆتۈنەي، ئىچىمگە پاتۇرۇپ مىقىڭنى قاقماي، ‏莫要似无情铁钉持续楔入我的心
‏‎خېلىدىن بېرى نەمدۇر كۆزۈم قۇرۇتماق ئۈچۈن مەن نېمىگە قاخلاي، ‏泪已将眼眶润泽很久,我该怎么办
‏‎زۇۋاندەك زەخمەت چەشمىنى قۇلۇقۇمدا ئېتىپ مەن سۈكۈتتە ساقلاي، ‏多少无眠的夜
‏‎ساقلىدىم ئاخىرىچۇ؟ نەچچە تاڭ ئاتتى كىرپىك قاقماي! ‏我把希望揉进黑暗,却只剩绝望纠缠
قايتارما: ‏副歌 ئازابنىڭ سەۋەبكارى مەن، ‏我把这一切怪命运 ئازابنىڭ دەۋەتكارى مەن، ‏怪我倒霉 ئازابنىڭ مەدەتكارى، ئازابنىڭ مىننەتدارى، ‏怪我不幸 ئازابنىڭ تەرەپتارى مەن. ‏怪我自己
2-بۆلەك: ‏:第二段
‏‎ياغنىڭ قېتىدىكى بۆرەكتەك شۇ ئارزۇلار، ‏往昔梦影
‏‎بارا-بارا ئايلاندى ئىسقا، ‏皆化缥缈青烟散去
‏‎كىشىگە مۇھتاجلىق مەزمۇنلار، ‏我曾寄心于他方的暖煦
‏‎قىلدى ھەم تىلىمنى قىسقا، ‏却陷入棘丛泥淤
‏‎نېمىشقا بۇ كۈلپەت مېنىلا قىستا، ‏为何独独我,在苦海里沉沦难渡
‏‎گۆشۈمنى شۈلىدۇ ئازارلىق بېستا، ‏为何将我割剔
‏‎ئەدەپ بىلەن خاتىرجەملىك ئىشىكىنى چەكسەم تۇرغۇزدى قىسمەت بوسۇۋغىسىدا! ‏空余暗香,伴我在暗夜悲戚
‏‎مەن رەيھاندىن قېلىشماس ئۇز ئەمما ھالىتىم تۆكۈلگەن بەرگ بىلەن نېمە پەرقىم؟ ‏我似那枝头残败的花
‏‎ھاياتقا سەۋدا ئەمما قىسمەتتە دۇنيادىن كەچكەن تەرك بىلەن نېمە پەرقىم؟ ‏如今瓣落,零乱委尘沙
‏‎تۇرمۇش نەس بىلەن پەس قىلدى ئىزچىل روھىم سامان نەرخ بىلەن نېمە پەرقىم؟ ‏生活的獠牙将我周身撕扯
‏‎پەقەتلا قارىماققا نورمال ئەمما ئۆلگەن تىرىك بىلەن نېمە پەرقىم؟ ‏我有着活人的皮囊却与死者无异
‏‎مەن يالغاندىن توقۇلغان گۈزەللىك ئەستەرى خىيالغا يۆگۈنۈپ، ‏生活的表象也许舒适
‏‎يالغان كۈلۈشنى ئۆگۈنۈپ، ئىچىمدە زەخمەت ئاۋازسىز ئۆكۈنۈپ، ‏但内心的痛苦却可能不为人知
‏‎ئەقىدەم ئەمىنلىك ئەمما تۇرمۇش يىپىدىن كەتتى ھەم تۆكۈلۈپ، ‏在生活的的泥沼里
‏‎كىشىكىم كۆرمىدى خالاس، يۈرۈگۈم ئىچىمدە كەتتى ھەم سۆكۈلۈپ! ‏我艰难地跋涉
‏‎ياندى رايىم ئۆزۈمگە يالغاندىن تەسەللىي راستلاشتىن، ‏我不愿再诓骗自己
‏‎كۆڭلۈمنى دېسەم مەن راست باشتىن، ‏我所欲言者乃为
‏‎مەندە نە ئىستەك كىشى كېلىپ كۆڭلۈمنى ئاسراشتىن، ‏我不期待谁来缝补这伤口
‏‎نە مادارىم دەردىمنى تازلاشتىن، ‏我没有力气去阻挡伤痛的漩涡
‏‎مەن ھەممىگە يارىماققا ماسلاشتىم، ‏努力贴合你们勾勒的模样
‏‎ئەمما قايسى بىرى چۈشەندى مېنى، ‏谁又会在意我泪中的沧桑
‏‎يوقىلە ھەممىدىن ۋاز كەچتىم ‏都滚吧,我要打碎这虚假的幻镜
قايتارما: ‏副歌 ئازابنىڭ سەۋەبكارى مەن، ‏我把这一切怪命运 ئازابنىڭ دەۋەتكارى مەن، ‏怪我倒霉 ئازابنىڭ مەدەتكارى، ئازابنىڭ مىننەتدارى، ‏怪我不幸 ئازابنىڭ تەرەپتارى مەن. ‏怪我自己