知足 Tehi

Music: Umut-Galip Arranger: Umut-Galip ھەيران بولما كۆرگەنلىرىڭگە, كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى, ياراتمىساڭ ئاق ناننى بۈگۈن, زاغرا ئىزدەپ يۈرىسەن تېخى . ياخشى بولساڭ ئامەت بېشىڭدا ،, يامان بولساڭ ئاپەت قېشىڭدا, ئىسسىق باسماي ئەتكەن ئېشىڭدا, كۆنمىگەنگە كۆنىسەن تېخى . ئەقلىڭ ساڭا يول كۆرسەتكۈچە ،, بىر قولۇڭنى ئىككى ئەتكۈچە, ئىشىكىڭنى تەلەي چەككۈچە, تالاي خىيال سۈرىسەن تېخى . ھەركىم بەلكىم سېخى مەرت ئەمەس, لېكىن دۇنيا تامام دەرت ئەمەس, كۈندە ئويناش مەڭگۈ شەرت ئەمەس ،, تالاي ئويلاپ كۈلىسەن تېخى .