Lyrics: Akram Tursun
Music: Akram Tursun
Arranger: Akram Tursun
يۈرەكتىكى سۆزلىرىمنى ناخشا قىلىپ يازدىم
دېڭىز كەبى مۇشەققەتنى قولۋاق بىلەن كەزدىم
كۆڭلۈمگە كەلگەن ئىشلار بەك كۆپكەن سەزدىم
ئەمما ئەمما
سۈت كەبى ئاۋازىمنى ھەممە ئاڭلىسا دەيمەن
مۇڭلۇق ساز كۈيلىرىمگە مۇڭلانسۇنكەن دەيمەن ھاياجاندا كۆزلىرىمدىن ياش ئاقسىكەن دەيمەن
ئەمما ئەمما
بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم يۈرىكىڭدىن ئاڭلا
كۆپ ئىدى ئىلتىماس سۆيىمەن دەپ ئالدىما
تۇتاش قوللار ھازىرمۇ تۇتاشمىدۇر بىلمىدىم
ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلىگەن ئۇزاق يىل ئالدىدا
سۆيگۈنۈم مېنىڭ بول گۈلچېھرىڭگە مەن شەيدا
باراي قېشىڭغا سەن بولمىساڭ يېنىمدا
ئۆكۈنمەيمەن ئەسلا ئۆتكەن ھەر ئىشلارغا ئەڭ بەختلىكمەن ئاتا ئانام يېنىمدا