جاناننى ئىزدەپ مەن ئېزىپ
يۈردم جاھاندا چۆل كىزىپ
ئۆمرىمدە بۇنداق بىۋاپا
ساھىبجامالنى كۆرمىدىم
ئوھۇي ئايدىن سورايمۇ جانانىم
ئوھۇي كۈندىن سورايمۇ جانانىم
تاغلارمۇ دەيدۇ كۆرمىدىم
باغلارمۇ دەيدۇ كۆرمىدىم
دەرياغا باردىم يالۋۇرۇپ
بىردەك جاۋابى كۆرمىدىم
ئۇھوي ئايدىن سورايمۇ جانانىم
ئۇھوي كۈندىن سورايمۇ جانانىم
باردىم ئۇپۇققا كۆزتىكىپ
دىدى ئۇپۇق ھەسرەت چىكىپ
يۇلتۇزغا باردىم سەن سوراپ
بىردەك جاۋابى كۆرمىدىم
ئوھوي ئايدىن سورايمۇ جانانىم
ئوھوي كۈندىن سورايمۇ جانانىم