MESHREP(我家有聚会)

Music: Dhino MESHREP(我家有聚会) Lyrics: Arkin Abdulla/沙Shah Music: Arkin Abdulla/Dhino/沙Shah Arranger: Muradel Abdusalam VocalsMixing:Muhebbet Memtimin Recording: Gangsamosa قاغىلىقتىن يەكەنگە جاھان كىزىپ يۈرگەندە ئاشىق بىقارار بولدۇم يارنى تۇنجى كۆرگەندە شوتا ئۆستەڭنى بويلاپ مانا كەلدىم مىشا ئۆستەڭگە يايرىم پەرۋا قىلمىدى ناخشا تولاپ كۈتكەنگە ئالامەت كۈنىمىز راھەت پاراغەت بۈگۈنكى مەشرەپ كارامەت كۆپ بىزدە ھۈنەر ماھارەت سەھنىمىزدە يۇقىرى سەۋىيە داپلىرىم ئۆرنەك ئالىمىز تەربىيە سازلىرىم مول ھوسۇللۇق تارىسىدا گۈللە ئۇنتىمىدۇق مىراسىمىز قىلىمىز مەدھىيە كارۋان بولۇپ ئىزدەپ يول بىلمىدىم مەنزىلىم قايان ئوڭ سول تۈگىمەيدۇ كىچە كۈندۈز ئىيتسام ناخشا ياقسا سۆزۈم بەرگىن قول مۆرەمگە ئارتىپ خۇرجۇن باش باياۋانغا راۋاپبىم دۇلدۇل ئاشىق مەن جاڭگالدا چاچلىرىم چۇلچۇل سورايدۇ پىقىرنىڭ نامىنى يول يول قۇم بارخاندا كۆزۈم يۇمۇق تولايمەن قوشاقنى گىلىم قۇرۇپ قوشىقىم مەن ئۈچۈن ئۇسسۇزلۇق بولۇپ قۇملۇقنى كىزىمەن قايتىدىن تۇرۇپ 30ئوغول9قىز خورىمايدۇ سەرپىيات تاشلاپ غولاش ئويناپ ساما تۈگىمەيدۇ كەيپىيات مۇساپىمىز يىراق ئەمما قۇچاق ئىچىپ تەبىئەت ناخشا ئۇسۇل مۇڭ ھۇزۇرى دىلغا ئاتەش مەرىپەت چاڭ چىقىرىپ سورۇندىن بىز كۆتۈرىمىز ئەۋجىگە ھەمدەمدە ساپايى بىلەن ئۇرۇپ گىگانىت گەۋدىگە توختىمايدۇ قايناق ھىسىيات بىزبىلەن تەڭ كەلگىنە ئەلمىساقتىن ئەدەپ ئەخلاق سىڭىپ كەتكەن تەربىيە قاغىلىقتىن يەكەنگە جاھان كىزىپ يۈرگەندە ئاشىق بىقارار بولدۇم يارنى تۇنجى كۆرگەندە شوتا ئۆستەڭنى بويلاپ مانا كەلدىم مىشا ئۆستەڭگە يايرىم پەرۋا قىلمىدى ناخشا تولاپ كۈتكەنگە تورداش تورداش بۈگۈن ئاخشام بىزنىڭ ئۆيدە مەشرەپ ئوغۇللار قىزلار بۈگۈن ئاخشام قانغىچە ئويناڭلار تورداش تورداش بۈگۈن ئاخشام بىزنىڭ ئۆيدە مەشرەپ ئوغۇللار قىزلار ھەممىسى ئوينايدۇ ياش باللار