Kalmisa

Music: anwar hakim تېكىست : شائرنى ئىزديمىز مۇزىكسى ;ئەنۋەر ھاكىم ئاكورتلاشتۇرغۇچى ;شۆھرەت رەيىموف مەن باراي تاغلار ئېشىپ يار کەلمىسە، ھەر ھالىدىن بىر خەت خەۋەر بەرمىسە. يار ۋىسالى لەختە لەختە قان يۈرەك، كىشى بىلمەس شۇ يارغا كۆيمىسە. كۆككە باقتىم ئاي يۈزۈڭنى بىر كۆرەي، شامال بىرلە دەرتلىرىڭنى مەن بىلەي. بىناۋامەن باغۇ گۈلشەنلەر ئارا، تاڭ سەھەر شەبنەم كەبى مەڭزىڭ سۆيەي. قاشى يادۇر يۈرەككە ئوق قوي كۆزى، باش باھاردەك ئىچىلىپ كىلەر ئۆزى. کەلمىسە بىئختىيار يار مەيلى دەپ، ھەر سابا كۈلگەن قۇياشتا يار يۈزى. 若你不来