Aydak Kizim

ئايدەك قىزىم سابىر سالى ئىجراسىدىكى ئەڭ يېڭى ناخشا :«ئايدەك قىزىم » تىكىستى: مۇساجان ئوسمان مۇزىكىسى: بىلال ئەنۋەر ئاكورتلاشتۇرغۇچى:فىردۇن قىيۈم ھاياتىمنىڭ بارلىقى سەن ئۈمىدى سەن. سۆزى تاتلىق شېرىن بۇلاق بالىدەك قىزىم. ئۆمرۈمگە مەنا بەرگەن سۆيگۈ بەرگەن. قەلبىمدىكى نۇر زىيارىم ئايدەك قىزىم. ئۆمرۈمگە مەنا بەرگەن سۆيگۈ بەرگەن. قەلبىمدىكى نۇر زىيارىم ئايدەك قىزىم. مېھرى گويا ئىللىق سېنىڭ قۇياش كەبى. كۆزلىرىڭدىن ئانام كۆردۈم خاندەك قىزىم. مېھرى گويا ئىللىق سېنىڭ قۇياش كەبى. كۆزلىرىڭدىن ئانام كۆردۈم خاندەك قىزىم. ساداقەتتە گۈل تېرىيسەن گۈلشنىمگە. باھارىم سەن گۈلىستانىم باغدەك قىزىم. ساداقەتتە گۈل تېرىيسەن گۈلشنىمگە. باھارىم سەن گۈلىستانىم باغدەك قىزىم. تەسۋىرىڭنى تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىز. ئارزۇيۇمىسەن ئارمىنىم سەن جاندەك قىزىم. سېنى ماڭا بەرگەن كاتتا ھەدىيەسەن. كۆزنۇرۈمسەن ئاسماندىكى ئايدەك قىزىم. سۆزى تاتلىق شېرىن بۇلاق بالدەك قىزىم. قەلبىمدىكى نۇر زىيارىم ئايدەك قىزىم. 2018ـ يىلى 1ـ ئاينىڭ 5ـ كۈنى تۇرپانيۈزدە يىزىلدى