كەتتىم
تېكىستى: تۇرسۇنتوختى(باغۋەن)
مۇزىكىسى: Esan
----
--مۇزىكا--
ۋاپاسىز يار يېنىڭدىن كەتتىم
كۆزنى يۇمۇپ سېنىڭدىن كەچتىم
ئەقىدەمنى خار قىلدىڭ شۇنچە
ئازاپلارنى يەتكۈچە چەكتىم
ئەمدى يوقمەن سېنىڭ يېنىڭدا
ئويۇن بولدى سۆيگۈم قولۇڭدا
بىلمەپتىمەن كۆڭلۈڭنى ئەسلى
قەستىڭ ئەسلى پۇلدا ئويۇندا
ئەمدى يوقمەن سېنىڭ يېنىڭدا
ئويۇن بولدى سۆيگۈم قولۇڭدا
بىلمەپتىمەن كۆڭلۈڭنى ئەسلى
قەستىڭ ئەسلى پۇلدا ئويۇندا
--مۇزىكا--
كەتكىنىمدىن ئۆكۈنمەيمەن مەن
سېغىنىشتىن ئاغرىسمۇ تەن
ھايات يولۇم ئۇزۇندۇر يەنە
ئۇچراپ قالار سەندىنمۇ بەلەن
كەتكىنىمدە قەدرىم بىلەرسەن
يالغۇزلۇقتا ياشلار تۆكەرسەن
ساڭا كۆيگەن مەندەك ساراڭنى
تەلۋىلەرچە ئەسلەپ ئۆتەرسەن
كەتكىنىمدە قەدرىم بىلەرسەن
يالغۇزلۇقتا ياشلار تۆكەرسەن
ساڭا كۆيگەن مەندەك ساراڭنى
تەلۋىلەرچە ئەسلەپ ئۆتەرسەن
تەلۋىلەرچە ئەسلەپ ئۆتەرسەن