Oq Boldi

Lyrics: Azmat ahmat taran Music: izhar-Muhtar Arranger: Nurshat Dilshat جاناننى كۆرمىكىم تەستۇر  كۆزۈم كۆزۈمگە ئۆچ بولدى  ئۇنىڭسىز كۈنلىرىم غەشتۇر  ئۆزۈم ئۆزۈمگە ئۆچ بولدى  قايان كەتتى يىڭى ھىسلار  كۈنۈم كۈنۈمگە ئۆچ بولدى  تىلىم بوغدى سىغىنىشلار  ئۈنۈم ئۈنۈمگە ئۆچ بولدى  تۆكۈلدى بەرگىسى ئاخىر  گۈلۈم گۈلۈمگە ئۆچ بولدى  سائەتلەپ ئۇيقىسىز يۈردۈم  تۈنۈم تۈنۈمگە ئۆچ بولدى  ماڭا ھەمرا پەقەت تۆت تام ئۆيۈم ئۆيۈمگە ئۆچ بولدى  ئۆزۈمگە تىتىماس ناخشام  كۈيۈم كۈيۈمگە ئۆچ بولدى