Arranger: Askar Muhtar
كۈيۈم ياڭراق ئايا -ئايا دوستلار ساڭاچىن ئىشتياقىم بار
ھامان دولقۇنلۇنۇپ تۇرغان دىلىمدا بىر بۇلاغىم بار
ئالار تەشنا يۈرەك لەززەت ۋەتەننى كۈيلىسەم ھەرچاغ
مىنىڭ قەلبىمنى ياشناتقان ھەجەپ نۇرلۇق چىراغىم بار
ناۋا قىلسام ئۈمۈت ئۈزمەس تىنمىدە بىھىساپ دەرمان
كۈيۈمگە كۈي ئاتا قىلغان ،ھەجەپ نۇرانە چاغىم بار
مىنىڭ ئارزۇ ئۈمۈدۈم شۇ بەخىتنىڭ كۈيچىسى بولماق
ماڭا ئىلھام قۇۋەت بەرگەن ۋەتەن ئاتلىق نىگارىم بار