Lyrics: Muhemmet Emin
Music: Muhemmet Emin
Arranger: Muhemmet Emin
ئەجەپ مۇڭلۇق سايرايدۇ دۇتتار،تەمبۇر،ساتارىم.
كۈي تەختىدە ياڭرايدۇ دۇتتار،تەمبۇر،ساتارىم.
مەيلىمىزنى گوياكى ساپ ھاۋالىق بىر گۇزەل،
گۈلزارلىققا باشلايدۇ دۇتتار،تەمبۇر،ساتارىم.
ساداسىدىن كۆڭۈلنى سىلىپ ھەر چاغ لەرزىگە،
داۋا بولۇر ئاڭلىسا ئاشىقلارنىڭ دەردىگە.
سەنئەت سۆيەر خەلقىمىز يەتكەچ سازنىڭ قەدرىگە،
سەھنە سورۇن تۆرىدە دۇتتار،تەمبۇر،ساتارىم.
دەيمىز شۇڭا دۇتتارنى سازىمىزنىڭ گۈلتاجى،
دەيمىز شۇڭا تەمبۇرنى سازىمىزنىڭ ھەم شاھى.
دەيمىز شۇڭا ساتارنى سازىمىزنىڭ خانىشى،
ئالتۇن ئۈزۈك ياقۇت-كۆز دۇتتار،تەمبۇر،ساتارىم.
خەلقىمىزگە مەڭگۈ ئۆز دۇتتار،تەمبۇر،ساتارىم.