Bu kvnlerde

Lyrics: israfil Music: RYE31 Mixing: keyser niyaz verse1 بىلىپ تۇرۇپ ھەممىنى سالدى دىلىم بىلمەسكەن كۆرۈپ بەك جىق ئىشنى ئەمما سالدى كۆزۈم كۆرمەسكە جاھانلىرىڭ رەڭلىك دۇنيا ئادەملىرىڭمۇ قېلىشماس قۇدرىتى زورلار ئەزەلدىن ئاجىزلار بىلەن ئېلىشماس كېچىلىك كۇلۇبتا ئادەت ئىچىپ چېكىپ قېتىپ يىيىشكە جەمىيەتتىكى پاسسىپ ئەھۋال ئۈندىدى مۇشۇنداق دېيىشكە كىيىشكە ئامراق ئوچۇقلا كىيىمنى بىزنىڭ ھۆر رەنالا تارىم سۈيىنى ئىچكەن ئېغىزدىن چىقىدۇ ھەر خىل مەنالار غۇربەتچىلىكتە بۇزۇلغان مۇناسىۋەت تۈزۈلىدۇ پۇل تاپقاندا ھەيران قالسەن قول تۇتۇشمىغانلا بىللە ئۇخلاپ ياتقاندا شەھەر ئايلانسىمۇ ئورمانغا گەرچە تۆت پۇتلاپ يۈرۈش شەرت ئەمەس زورلىما ھېي ئىسپىرىتقا ئۆزۈڭنى ھازىر تارتقاننىڭ دەرت ئەمەس يېرىم چېلەك سۇ بەك چالتاقشىپ قۇرۇق چېلەك تېخى موللاق ئاتسا ناھەقنى ھەق دەپ قاملاشمايدۇ ئاپپاق سۈتكە سۇنى قاتسا ئەمەلىيىتى يوق ئېغىزدا سۆزلىگەن بولالمايدۇ مەردانە شۇڭا ئايلانمىغان ئەلمىساقتىن كىپىنەككە پەرۋانە verse2 ياشلىق بۇ ياشلىق نۇرغۇنلىغان تەڭتۈشلەرنىڭ كۆزىنى قىلغان لىق ياشلىق مەككار بايغا يېقىپ قالدى ئۇ سۇمبۇل چاچلىق قەلەم قاشلىق يېگەن تامىقىڭلا سىڭمىدىما بەك قىلدىڭلار بەڭۋاشلىق ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ ئۆز پۇتۇڭغا پالتا چاپما ئېھتىيات قىل قۇرىدۇ ساڭىمۇ تاپان تۇزاق بىلەن ياپما يەر شارىدىلا ئەمەس ئايدىمۇ پەخەس بولغىن ھەر جايدا ھازىر بىكالىق دەملىسە ئىچىۋەرمە بىر مەسىلە بار شۇ چايدا غەرەزگە تولغان دۇنيا بۇ مەقسەتسىز ئىش بولماس دېكابىردا قار ياغمىسا ۋايىغا يەتكەن قىش بولماس ئىشەنمىسەڭ گېپىمگە دېھقان بوۋاڭدىن سوراپ باپ بولاممىساممۇ پەزىلەتلىك ئەخلاقلىقنى دوراپ باق تاڭلار ئايلىنىپ بىر كۈنى ئۇخلاتمايدۇ تۈنلىرى پۇشايماندا خەپ دەپ كۈنلەر ئۆتىدۈ ئەپلەپ سەپلەپ ئەمما يېڭى پىلاننى ئويلاپ باققىن قايتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا خاپا بولماڭلا مۇشىنچىلك بايقىدىم