Anam

Lyrics: Mr.halit Music: Mr.halit Arranger: Mr.halit تاپقىنىم بالا بولدى ئۆزۈمگە ئاز دوست تۇتقىنىم تالا بولدى باغ ئىزدەپ يارەن تاپتىم دېسەم قارا كۆڭۈلنىڭ ئىچى بىر ئالا بولدى ئانام ئىچى ئاچچىق يارا بولدى مەن سەۋەب ھاياتىنى بېغىشلاپ  دىلى  پۇچۇق  ئارا بولدى تۈن يېرىم كېچىدە   تۆككەن كۆز يېشى ماڭا ئاچچىق بىر جازا بولدى يولۇمنى تۈزلىسەم تۈزلەيتتىمغۇ ئانام سىز دەپ توختىماي سۆزلەيتتىمغۇ باغلىغان بولسا گېلىمدىن   كىشەن شۇ يولنى مەن يەنە ئىزدەيتتىممۇ ۋاپاسىزلىقتىن قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ يارنى يالۋۇرۇپ يەنە ئىزدەيتتىممۇ مەن نادان قارغىش ئىچىدە  توختىماي كۆڭلىنى يەنە بەزلەيتتىممۇ ئانا مېنى كەچۈرگىن مېنى كەچۈرگىن ئانا گۈلىستاندىن ئىزدەپ مەن ھىدىڭنى بۈك باراقسان قىلغۇم بار ئىدى ، پۈتكۈل ھاياتىڭغا  بېغىمنى يەڭگىل قىلدىڭ سەن ، بىراق كۆتۈرەلمىگەن  تېغىمنى قىلغىنىڭ ھەددى ھېسابسىز قايتۇرۇشقا نە ئىلاجىم ئالدىڭدا مەن يەنە ئاجىز غۇبارىسىزغۇ  ئانا ئازلىق قىلىدۇ بەرسەممۇ ساڭا  ئەرزىمەس ، بۇ جېنىمنى پۇتلىرىڭنى بىرە ئانا يۈزلىرىمگە يېقىپ تۇرۇپ  بىر يۇيىۋالاي ئاغرىغان بەللىرىڭ  تالغان مۈرلىرىڭنى  ھاردۇقۇڭ چىققۇچە بىر تۇتىۋالاي ئەقلىمنى تاپتىم ئانا مۇشۇنى قىلىپ بولسىمۇ بىر كۆڭلۈڭنى ئۇتىۋالاي قىلمىغىن  دېگىنە  قايتا بىر ئانا ئازغان يولۇمدىن ئازغان يولۇمدىن بىر قۇتۇلىۋالاي تاشلىغان تاشلاندۇق بولدۇم سۆيگەنلەرنى سۆيگۈلەرنى  بېشىمدىن ئېگىز ، كۆتۈرۈپ سىزنى ئۆزۈمدىن تارتقان بولدۇم باش قاققان بولدۇم بەرگەن مېھرىڭىزنى ئېلىپ ئېلىپ ئۆزگىلەرگە  ئاشۇرۇپ بۇزۇپ چاچقان بولدۇم بەلكىم ھەددىمدىن ئاشقان بولدۇم مېنى كەچۈرەرسىزمۇ  ئانا نادانلىقىم سەۋەب چوڭقۇر ھاڭغا پاتقان بولدۇم ئانا مېنى كەچۈرگىن مېنى كەچۈرگىن ئانا مېنى كەچۈرگىن 献词:Erxat