بالىلىقىم
سۆزى مۇھەممەت مەھمۇد
مۇزىكىسى مۇرادىل مۇتەللىپ
ئۈنۈملىگۈچى كېرەمجان مەمەتئەلى
چوڭ بولساق غەم باسار ئىكەن بولۇپ بىر تاغ
بالىلىقنى سېغىنىشتىن يۈرەكتە داغ
بۇ ھاياتتا ياشلىق دېگەن ئەڭ گۈزەل چاغ
سېنى ئەسلەپ كۈيلىدىممەن ناخشا باشلاپ
بالىلىقىم قايان كەتتىڭ مېنى تاشلاپ
مۇزىكا
جان ئانامنىڭ ئەللىيىدە مەن بار ئىدىم
سەبىيلىكتە شوخلۇقۇمدا سەن بار ئىدىڭ
تال چىۋىقنى ئات قىلساممەن خەير دىدىڭ
قانماس ئىدۇق دوستلار بىلەن ئويۇن باشلاپ
بالىلىقىم قايان كەتتىڭ مېنى تاشلاپ
مۇزىكا
سېغىنغاندا كۈنلەر گويا يىلدىن ئۇزاق
ئەزدى دىلنى بۇ ئەلەملىك ھىجران پىراق
بالىلىقىم شېرىن چۈشتەك قالدىڭ ئۇزاق
باھارىمنى سېغىنىمەن كۆزۈم ياشلاپ
بالىلىقىم قايان كەتتىڭ مېنى تاشلاپ
مۇزىكا
باغققا كىرسەم كېپىنەكلەر قوغلار ئىدىم
گۈل – چېچەكلەر قۇچىقىدا يايرار ئىدىم
بۇلبۇل بولۇپ سەھەرلەردە سايرار ئىدىم
سەن كەتكەندە تەغدىر مېنىڭ كۆزۈم ياشلاپ
بالىلىقىم قايان كەتتىڭ مېنى تاشلاپ
مۇزىكا
بالىلىقىم شادلىقىمنى ئېلىپ كەتتىڭ
سېغىندۇرۇپ سەن باغرىمنى كاۋاپ ئەتتىڭ
بالىلىقتا ئۈزگەن گۈلۈم توزۇپ كەتتىڭ
شۇ چاغلارغا ئېلىپ كەتكىن مېنى باشلاپ
بالىلىقىم قايان كەتتىڭ مېنى تاشلاپ