Guzal Turpan/美丽的吐鲁番

Lyrics: Gupurjan·Kasim Music: Gupurjan·Kasim Arranger: Gupurjan·Kasim گۈزەل تۇرپان ئانا يۇرتۇم گۈزەل تۇرپان، بەختىمىز سەندە ئېچىلغان. (مۇزىكا) ئاكورتلاشتۇرغۇچى:پەتتارجان ئەسمىتۇللا گۈزەل تۇرپان ئانا يۇرتۇم باغلىرىڭ بوستان، ئىللىق باغرىڭ چىمەنزارلىق گۈلگە ئورالغان. گۈزەل تۇرپان ئانا يۇرتۇم باغلىرىڭ بوستان، ئىللىق باغرىڭ چىمەنزارلىق گۈلگە ئورالغان. بارچە مىللەت پەرزەنىتلىرىڭ سەندە تەر تۆككەچ، كائىناتتا ئاتەش يۇرت دەپ نامىڭ تارالغان. بارچە مىللەت پەرزەنىتلىرىڭ سەندە تەر تۆككەچ، كائىناتتا ئاتەش يۇرت دەپ نامىڭ تارالغان. تەنگە ياققان قۇملۇقلىرىڭ تەنگە شىپاھ، مۆجىزىلىك كارىز سۈيۈڭ يۈرەككە دەۋا. تەنگە ياققان قۇملۇقلىرىڭ تەنگە شىپاھ، مۆجىزىلىك كارىز سۈيۈڭ يۈرەككە دەۋا. پىچان توخسۇن ئىدىقۇتتا ياڭرايدۇ ساما، مىرەن بۇيلۇق ئايدىڭكۆل بۇنىڭغا گۇۋاھ. پىچان توخسۇن ئىدىقۇتتا ياڭرايدۇ ساما، مىرەن بۇيلۇق ئايدىڭكۆل بۇنىڭغا گۇۋاھ. ئانا يۇرتۇم گۈزەل تۇرپان بەختىمىز سەندە ئېچىلغان. (مۇزىكا) مۇقاملىرىڭ يۈرەكلەرنىڭ تارىنى چىكىپ ، ئەسلىتىدۇ كىروراندا سۆيگۈ ئىزىنى. مۇقاملىرىڭ يۈرەكلەرنىڭ تارىنى چىكىپ ، ئەسلىتىدۇ كىروراندا سۆيگۈ ئىزىنى. يالقۇن تېغىڭ ئەركەكلىك يۈرەكنىڭ ئوتى، كۆيدۈرىدۇ ئۈزۈمزارنىڭ ئاتەش قىزىنى. يالقۇن تېغىڭ ئەركەكلىك يۈرەكنىڭ ئوتى، كۆيدۈرىدۇ ئۈزۈمزارنىڭ ئاتەش قىزىنى. ئانا يۇرتۇم گۈزەل تۇرپان بەختىمىز سەندە ئېچىلغان. (مۇزىكا) يارغول-لۈكچۈن ئىدىقۇتتىن تارالغان سۆيگۈ، ئۈزۈمزارلىق بوستانىدا ۋىسال تاپىدۇ يارغول-لۈكچۈن ئىدىقۇتتىن تارالغان سۆيگۈ، ئۈزۈمزارلىق بوستانىدا ۋىسال تاپىدۇ. مىڭئۆيلەردە پەرىزات ئۇسۇل ئوينىسا، ئىلى تارىم جوڭغار ئاڭا قوشاق قاتىدۇ. مىڭئۆيلەردە پەرىزات ئۇسۇل ئوينىسا، ئىلى تارىم جوڭغار ئاڭا قوشاق قاتىدۇ. ئانا يۇرتۇم گۈزەل تۇرپان بەختىمىز سەندە ئېچىلغان.