Yitiman

Lyrics: rozi beg Music: rozi beg Arranger: rozi beg يوقلۇقۇمنى ئىستىگەن بولسا، كۆزلۈرۈڭدىن چوقۇم يۈتىمەن. كۈلەلىسەڭ مېنىڭسىز ئەگەر، ئازابىڭنى ئۆزۈم يۇتىمەن. جۇدۇن سوققان سۆيگۈ بېغىمدىن، تىترىمەستىن مەزمۇت ئۆتىمەن دەرتلىرىمدىن ياندۇرۇپ گۈلخان، ئۆز ئۆزۈمنى كۆيدۈرىۋېتىمەن. كۈلكە پەقەت سېنىڭلا بولسۇن، ھېجرانىڭنى ئۆزۈم كۈتىمەن. مەندىن زىنھار سورىما ئەھۋال، ئۆز دەردىمگە ئۆزۈم يېتىمەن. مەندىن زىنھار سورىما ئەھۋال، ئۆز دەردىمگە ئۆزۈم يېتىمەن. دەرتلىرىمدىن ياندۇرۇپ گۈلخان، ئۆز ئۆزۈمنى كۆيدۈرىۋېتىمەن.