كەچمەك بوپسەن يارىم مېنىڭدىن، ئۆتەلمەيدۇ مەنسىز دېدىڭمۇ . يالۋۇرمايمەن كەتسەڭ يېنىمدىن، رايىم ياندى سەندىن مېنىڭمۇ . يالۋۇرمايمەن كەتسەڭ يېنىمدىن، رايىم ياندى سەندىن مېنىڭمۇ . سۆيۈپتىمەن مەن ئۈچۈن يار دەپ، بۇ قەلبىمگە كەلدى باھار دەپ . يۈرەك ئەمدى قاتتى ئازار يەپ ، رايىم ياندى سەندىن مېنىڭمۇ . يۈرەك ئەمدى قاتتى ئازار يەپ ، رايىم ياندى سەندىن مېنىڭمۇ بارىم دىسەم بولمىدىڭ بارىم، بولۇپ قالدىڭ ۋاپاسىز يارىم . يوق ، ئامالىم ئەمدى ئامالىم ، رايىم ياندى ئەمدى سېنىڭدىن . يوق ، ئامالىم ئەمدى ئامالىم ، رايىم ياندى ئەمدى سېنىڭدىن شۇنداق بولسا سېنىڭ قارارىڭ، يۈرىكىمدە قالمىدى جايىڭ. خوشلۇقتىن كۆپ بەرگەن ئازارىڭ، رايىم ياندى ئەمدى سېنىڭدىن . خوشلۇقتىن كۆپ بەرگەن ئازارىڭ، رايىم ياندى ئەمدى سېنىڭدىن رايىم ياندى ئەمدى سېنىڭدىن