Lyrics: JAWHAR
Music: JAWHAR
Arranger: JAWHAR
سېنى كۆرۈشتىن بۇرۇن مەن ئىشەنمەيتتىم مۇھەببەتكە
پەرھات شېرىن ۋە ياكى تاھىر زۆھرەنىڭ ھېكايىسىگە
كۆرگىنىمدە سېنىڭ كۆزلىرىڭ تولغان تەبەسسۇمگە
ھېس قىلدىم ئەسلى ئەرزىيسەن مېنىڭ كۈتۈشۈمگە.
سېنى كۆرگەن دەقىقە خۇددى قۇياش نۇر چاچقاندەك.
قەلبىمدىكى باغ باراڭ ئەتىرگۈل بىلەن تولغاندەك.
ئەركىلەپ كەل، يېنىمغا پەرۋىش قىلاي، مەن باغۋەندەك
كۈلكە يۈگۈرسە، يۈزۈڭگە ھېس قىلمايمەن، ھارغاندەك.
خىيالىمدا ئويلايمەن، سېنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈشنى
دېڭىزبويىدا قول تۇتۇشۇپ، سەيلە قىلىپ، مېڭىشنى
مۈرەمگە يۆلەپ، بېشىڭنى كەچكى شەپەقنى كۆرۈشنى
كۆز يەتكۈسىز يايلاقتا ئاي، يۇلتۇزنى ساناشنى.
دالدىدا ئولتۇرۇپ كەچ كۈزدە سىم سىم يامغۇرنى كۆرۈشنى
تاڭ سەھەردە كۆز ئاچسام، سەن يېنىمدا بولۇشنى
ھېس قىلغۇم بار، سەن بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق تاتلىقىنى
ھېس قىلغۇم بار، سەن بىلەن يىللارنىڭ بىر بىرلەپ ئۆتۈشنى
.
ئاشىق ئوتىغا تاشلىدىڭ مېنى .
ئاشىق ئوتى كۆيدۈردى مېنى
ماقۇل بولغىن ئەي جېنىم
ھئازابلىما يۈرەكنى