Jamila

Lyrics: LAFI拉菲 Music: LAFI拉菲 Arranger: LAFI拉菲 Guitar: 拉菲 Mixing及Mastering:拉菲 جەمىلە بوستانلار خازان بولدى. باھارلاردىن بىر ئەسەر يوق. بۇلبۇل سايرىماس بولدى باغلاردا سىياقىڭ يوق. كۆزلەر يوللاردا قالدى. سەندىن ھېچبىر خەۋەر يوق. جەمىلە. يۈردۈم يەككە يىگانە. ھاياتلاردا بىر پەيزىم يوق. دۇنيا بولدى زىمىستان. تۆت پەسلىمدە يازىم يوق. كۈيلەر ياڭرىماس ئەمدى. يۈرەكتە شوخ بىر سازىم يوق. جەمىلە.
مەيلى سۆيگۈلەردە دىۋانە بولسام مەيلى چۆللىرىڭدە سەرسانە بولسام مەيلى سېنىڭ ئۈچۈن ۋەيرانە بولسام جەمىلە ساڭا يۈرۈگۈمنى ئېلىپ بېرەيمۇ؟ تۈگمەس ناخشىلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ماڭغان يوللىرىڭغا گۈللەر ساچايمۇ؟ جەمىلە.
يۈردۈم يەككە يىگانە. ھاياتلاردا بىر پەيزىم يوق. دۇنيا بولدى زىمىستان. تۆت پەسلىمدە يازىم يوق. كۈيلەر ياڭرىماس ئەمدى. يۈرەكتە شوخ بىر سازىم يوق. جەمىلە.