كۆرسەم ۋەسلىڭنى يار
بىھۇش مەن بىئارام
يالغۇز سەنمۇ ئەگەر
تەنھا بولساڭ
ھىجران جۈپتى ۋىسال
ئاڭا كۈن-تۈن مىسال
بۇلبۇل گويادۇرمەن
سەن گۈل بولساڭ
كۆكلەم ئۆتەر كېتەر
بەرگى بەرگىدىن خەۋەر
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن
كەتمەي سەھەر
ئاتەش ئوتى ياندى
كىمدىن سورىغاي سېنى
ئارامىجانىم سەن
بەرگىن خەۋەر
كەلدى كۆرۈنەر باھار
گۈزەل ئەزىز نىگار
ۋىسال ئىزدەپ بولدۇم
مەن ئىنتىزار
كۆڭلۈڭ گويا چىمەن
قەلبىڭ مىسلى گۈلزار
ئىشقىمنىڭ بېغىدا
سەن ھۆكۈمدار
كۆكلەم ئۆتەر كېتەر
بەرگى بەرگىدىن خەۋەر
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن
كەتمەي سەھەر
ئاتەش ئوتى ياندى
كىمدىن سورىغاي سېنى
ئارامىجانىم سەن بەرگىن خەۋەر
. . . . . . . . . . . . . . . . . .ۋۇ
. . . . . . . . . . . . . . . . . .ۋۇ
كۆكلەم ئۆتەر كېتەر
بەرگى بەرگىدىن خەۋەر
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن
كەتمەي سەھەر
ئاتەش ئوتى ياندى
كىمدىن سورىغاي سېنى
ئارامىجانىم سەن بەرگىن خەۋەر
ئارامىجانىم سەن بەرگىن خەۋەر