Kursan Tihi

Lyrics: Aysajan-Musa Music: Aysajan-Musa ئورۇنلىغۇچى: ئەيساجان مۇسا تېكىستى: ئەيساجان مۇسا مۇزىكىسى: ئەيساجان مۇسا ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئۆمەر داۋۇت ئارىلاشما ئاۋاز: ئۆمەر داۋۇت بارغۇڭ يوق ، تۈگمەنگە بارىسەن تېخى ماڭغۇڭ يوق ، يوللاردا ماڭىسەن تېخى باشقىنى ئازابلاپ كۈلۈپ كەتمىگىن ئۆزۈڭمۇ ئازابتا قالىسەن تېخى يەر شارى يۇمىلاق ئايلىنىپ كېلەر تېرىغان نەرسەڭنى ئالىسەن تېخى كۆرگىنىم تۈمەنمىڭ دېمە ئالدىراپ ئارتىسلار ئالدىدا بالا ، سەن تېخى جېنىم دەپ يۈرمىگىن ۋاپاسىزلارنى دات دەيسەن ئۇلاردىن تانسەن تېخى توغرىدەك بىلىنگەن خاتا يوللاردا ئەقلىڭنى تاپقاندا يانىسەن تېخى