Lyrics: TursunMusic
Music: TursunMusic
歌曲:Soyalmayman
كۈلەي دەيمەن كۈلەلمەيمەن
يا ئېچىلىپ يۈرەلمەيمەن
ئەسىلىسەكلا سۆيگۈمىزنى
ھېچ تولغۇنۇپ ياتالمايمەن
كۈتكەن ئىدىم كۈتتۈم ئۇزۇن
بۇرۇنقىدەك كۈتەلمەيمەن
ناخشا ئېيتىپ شۇ كۇچاڭدىن
ئەمدى ھەرگىز ئۈتەلمەيمەن
سۆيگۈمىزنىڭ شارابىنى
دەس كۈتۈرۈپ تۇتالمايمەن
بەر دىسەڭچۇ بۇ كۆڭۈلنى
ئەمدى ساڭا بىرەلمەيمەن
ساڭا ئاتاپ ئۈزگەن گۈلنى
ھۇجراڭغا ئاتالمايمەن
يات ئۆينىڭ يارى بولدۇڭ
ئەمدى سىنى سۈيەلمەيمەن
歌词贡献者:Elham Hasan