Lyrics: Hezret Eli
Music: Tohti Sabir
باھاردىكى تىلەك
سۆزى : ھەزرەت ئېلى
موزىكىسى : توختى سابىر
تېكىست تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرەت ئېلى
يىللاردا كۆپ قىسمەت، پەسىلدە ھېكمەت
كۆكلەمگە ئاشىقلىق دىلىمغا بېزەك
باھاردا يۈز ئاچار ئالەمچە ھىممەت
باھاردا باھاردەك كۈنلەر ھەم كېرەك
كۆزۈمگە قارىساڭ باھار ئاقىدۇ
جانانغا مېنىڭدەك ئاشىق نەدە بار
دىللاردىن دىللارغا سۆيگۈ ئاقىدۇ
باھاردا باھاردەك كۆڭۈل ئەتىۋار
ئالەمنى گۈل قىلار بىر ئوتلۇق زىيا
جاناننىڭ جىلۋىسى باھاردىن دېرەك
بۇ مىسكىن دىلىمغا بولغىلى شىپا