Lyrics: Turgunjan-Atux
Music: Turgunjan-Atux
Arranger: Muratjan Muhter
مەن قېشىڭغا يېقىن كېلەلمەي
ساڭا گەپنى ئوچۇق دېيەلمەي
ساڭا گەپنى ئوچۇق دېيەلمەي
ئىچ باغرىمنى ھېچ بىر تۆكەلمەي
جان قىينىلىپ كەتتى تۇنىساخان
ئىچ باغرىمنى ھېچ بىر تۆكەلمەي
جان قىينىلىپ كەتتى تۇنىساخان
مۇزىكا
ئازابىمغا تۈن قىسقا كەلدى
شېرىنلىكىڭ باغرىمنى ئەزدى
ئازابىمغا تۈن قىسقا كەلدى
شېرىنلىكىڭ باغرىمنى ئەزدى
ئاسمان زېمىن ھەممىنى سەزدى
جان قىينىلىپ كەتتى تۇنىساخان
ئاسمان زېمىن ھەممىنى سەزدى
جان قىينىلىپ كەتتى تۇنىساخان
مۇزىكا
نېمە يەتسۇن يارنىڭ دەردىگە
كۆنۈپ كەتتىم ئاچچىق زەربىگە
نېمە يەتسۇن يارنىڭ دەردىگە
كۆنۈپ كەتتىم ئاچچىق زەربىگە
يەتكىن مەندەك ئاشىق قەدرىگە
جان قىينىلىپ كەتتى تۇنىساخان
يەتكىن مەندەك ئاشىق قەدرىگە
جان قىينىلىپ كەتتى تۇنىساخان
جان قىينىلىپ كەتتى تۇنىساخان