غۇنچە
Producer: abduwali tur
كىلىمەن دەپ كەلمىدىڭ جانان
تۈگىمەس سەۋەپ تېپىپ
يۈرىگىڭدە مەن زادى نىمە
كەتتىممۇ يا ئۇنتۇلۇپ
كىلىمەن دەپ ئالدىدىڭ مىنى
باشلاپ خىيال كۆلىگە
كىتىپ قاپسەن بىراۋلار بىلەن
تاشلاپ ھىجران چۆلىگە
كىلىپ قاپسەن قېشىمغا بۈگۈن
تولۇن ئايدەك ئېچىلىپ يورۇپ
غۇنچە چېغى دەپتىمەن ئىسىت
ۋاقىتسىزلا كىتىپسەن توزۇپ