2025qatma usullu

Lyrics: KORG Music: KORG Arranger: KORG ئالما ئاتسام لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ سەن يارىمنىڭ ئوتلىرى لەيلىمۇ لەي لاۋۇلدايدۇ ئۆچمەيدۇ ئۆچمەيدۇ لەيلىمۇ لەي لەيلىمۇ لەي لەيلىمۇ لەي مۇزىكا مەن باغىڭغا كىرمەيمەن لەيلىمۇ لەي ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن لەيلىمۇ لەي ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە لەيلىمىلەي نادان بىلەن يۈرمەيمەن لەيلىمىلەي لەيلىمۇ لەي لەيلىمۇ لەي مۇزىكا ئاتۇشۇمنىڭ يولىغا جىرىم سالدىم بويىغا كۆيۈك ئوتى سېلىپ قويدۇم قارا قاشنىڭ بويىغا ئاچا ، جېنىم ئاچا كېلىڭە ، مايسا ئاچا . قۇچىقىڭنى كەڭ ئېچىپ باغ قىلىۋالساڭچۇ ئاچا ۋاي جېنىم ، ۋاي ئاچا ، خېنىم ھە ، مايسا ئاچا ئاچا ، ئاچا ، جېنىم ئاچا مېنى بېقىۋالساڭچۇ ئاچا ھويلاڭدىكى قاپاق تېرەككە شاخ قىلىۋالساڭچۇ ئاچا مۇزىكا ئېچىلمىغان گۈللەردىن ، ئېچىلغان تىكەن ياخشى بىۋاپانى سۆيگەندىن تەنھا يۈرگىنىم ياخشى ئاچا ، ئاچا ، جېنىم ئاچا مېنى بېقىۋالساڭچۇ ئاچا قۇچىقىڭنى كەڭ ئېچىپ باغ قىلىۋالساڭچۇ ئاچا ۋاي جېنىم ، ۋاي ئاچا ، خېنىم ، ئاۋۇ مايسا ئاچا ئاچا ، ئاچا ، جېنىم ئاچا مېنى بېقىۋالساڭچۇ ئاچا ھويلاڭدىكى قاپاق تېرەككە شاھ قىلىۋالساڭچۇ ئاچا مۇزىكا ئەتلەس كۆينەك كىيىپسەن قېشىڭغا ئوسما قويۇپسەن ساچىڭنى مەيدە ئۇرۇپ ۋاي ۋاي سەلىمە قەيەرگە ماڭدىڭ نازلىنىپ ساھىبجامال سەلىمە قەلبىمنى پارە قىلىپ ۋاي ۋاي سەلىمە قەيەرگە ماڭدىڭ نازلىنىپ ، ساھىبجامال سەلىمە مۇزىكا بىلىكىڭدە بىلەيزۈكلەر بارماقىڭدا ئۈزۈكلەر قەلبىمنى پارە قىلىپ ۋاي ۋاي سەلىمە قەيەرگە كەتتىڭ نازلىنىپ ، ساھىبجامال سەلىمە مۇزىكا تاغدىن چۈشكەن شالالە ئەسلىدە بىر گۈل لالە مەندىن قاچماڭ ئۇ يەرلەر كەل ، كەل ، گۈزەل قىز بالا قاچما قاچما سەنمۇ قاچما كەل ، كەل ، قىز بالا مەندىن قاچما ئۇ يارە كەل ، كەل ، گۈزەل قىز بالا مۇزىكا ئالمىنى بېرىڭ دەيسىز بەرسەم كىم بىلەن يەيسىز ئازار بەر مىڭدىل دەيسىز تاشلىۋەتسەم يىغلايسىز قاچما قاچما سەن قاچما كەل ، كەل ، قىز بالا مەندىن قاچما ئۇ يارە كەل ، كەل ، گۈزەل قىز بالا