Lyrics: 3 Rang/Mr·Elyas
Music: 3 Rang/Mr·Elyas
Arranger: Mr·Elyas
Lyrics: YawRoh
Music: tor
يالغۇز مەن بۇ يامغۇر كېچىدە.
يالغۇزلۇقنى خالىغىنىمچە .
كائىنات ياشقا چۆكمەكتە .
مېھىرلەر سۇسلىدى ، ساپ يۈرەكتە .
قان ياش كەلدى كۆزلىرىمگە .
شىددەت چۈشكەن يامغۇر سۈيىدە .
كۆز يېشىمنى يوشۇرۇپ كېتىمەن
تىمتاس تۇرغان يامغۇر سۈيىگە .
ئاي شولىسى ، غۇۋا چۈشە .
قاراپ ئولتۇردۇم ، شۇ بىر كېچە .
ھېس قىلدۇردى ، نۇرغۇن نەرسە .
پەقەت تىمتاس ئولتۇرىمەنكەن
ئۆمۈر بويى يالغۇز ئىكەنمەن .
يېتىم دەپ نامىم بار ئىكەن .
ئۆتكۈزگەن مەن يالغۇز كۈنلەر
ئاشۇ يامغۇرلۇق كېچە .
ھەر خىل بايرام مەنسىز.
ئۆتكۈزگەن مەن ئەسلىمسىز .
مۇھەببەتكە تەشنا ئىكەنمەن .
قول ئۇزاتقان زادى كىملەر
ئۇيقۇسىز مەن ھەربىر تۈندە
ئېچىنمايمەن ئۆتكەن كۈنگە .
سىز دېگەن مەن ساپ يۈرەكنى .
دېگەن ، مەن مۇھەببەتنى .
ھېچقايسىسىنى ھېس قىلمايمەن
تاش بولدى بۇ يۈرەكلە
تۇتمىغان مەن مېھىرلىك قولىنى .
ئۇ يېتىم زارىغىمۇ ۋاقىتتا سال سەن .
توختىتىشىڭنى ھەم تىلەيمەن .
يالغۇزلۇقۇمنى ئەسلەتمەي تىڭ
ھېس قىلدىم ، يەنە يالغۇز قالىمەن .
كۆيىمەن ھەر چاغ مۇزاي ئوت ئىچىدە .
مېھىر يالقۇننى كۆرمەك تەس ئىكەن
ئېچىندىم ، بۇ تەقدىرىمگە .
يېتىم بولغان چەتتە قالىمەن .
سۇ ئال قويدۇم ، ئۆز ئۆزۈمگە .
ياخشى تۇردىلىمۇ كۆزلىرىمگە
ئەمدى قالدىم ، جاۋابسىزمەن .
مۇھەببەت يوق ئىكەن ، يۈرىكىمدە
مېھىرسىز بولسىمۇ ئۆتكەن كۈنلەر .
يامغۇرلار مېنىڭ ھەمراھىم ئىكەن .