Asheq情人

Lyrics: rozi beg Music: rozi beg Arranger: rozi beg تېكىستى: رۇزى مەمتىمىن مۇزىكىسى: رۇزى مەمتىمىن ئاكۇرتلاشتۇرغۇچى: رۇزى مەمتىمىن ئورۇندىغۇچى: رۇزى مەمتىمىن مۇزىكا ئېرىمىدى يۈرىكىڭمۇ ئاشىقلىقىم نىداسىدىن، كېچە كۆزلەر ئۇيقۇسىز ئۇشبۇ دەردىم ساداسىدىن. قانغا تولدى يۈرۈكۈم بۇ مۇھەببەت بالاسىدىن، قۇتۇلارمەن قايسى بىر كۈن بۇ ئاشىقلىق سەۋداسىدىن. مۇزىكا يا ۋەسلىڭدىن ئىمكان بېرىپ كۈلدۈرمىدىڭ يۈرەكلەرنى، يا كۆزۈمدىن يىراق بولۇپ ئېپ كەتمىدىڭ بۇ دەرتلەرنى. يا دەردىڭدىن قىيناپ قېنىپ يۇمدۇرمىدىڭ بۇ كۆزلەرنى، قۇتۇلارمەن قايسى بىر كۈن بۇ ئاشىقلىق سەۋداسىدىن. مۇزىكا ياكى ئېيتقىن بۇ دەردىڭنى تا ئۆلگىچە ئېلىپ يۈرەي. ياكى رازى بولغىن مەندىن مەنمۇ سەندەك كۈلۈپ يۈرەي. گاھى يىغلاپ گاھى كۈلۈپ يا دەردىڭدە غەمدىن ئۆلەي، ئاھ قاچانمۇ قۇتۇلارمەن بۇ ئاشىقلىق سەۋداسىدىن.