Gulzar

Lyrics: KSC Music: KSC Arranger: KSC « گۈلزار » Hook : يولىڭىزغا تەلمۈرۈپ مەن بولدۇم سىزگە ئىنتىزار ، چىن يۈرەكتىن پاك مېھرىمدىن سۆيىمەن سىزنى گۈلزار . سىز بولسىڭىز دۇكان رەستە بولىمەن قايناق بازار ، يۇلتۇز بولۇڭ مەن كائىنات بەرمەيمەن سىزگە ئازار . X2 VERSE : تەلپۈنىمەن ئاسمانغا مەن جەنۇپتا سىز شىمال ، تىمتاس كىچە ئەتراپىمدا چىقماقتا لەرزان شامال . ئارلىق يىراق بولسىمۇ گەرچە تاپىمەن چارە-ئامال ، يۈرىكىڭىز سېپىل ، قەلئە بولسىمۇ قىلىمەن قامال . تەكلىماكان ۋە تەڭرىتاغلار ھازىر بىزنى ئايرىپ تۇرسىمۇ ، قەلبىمىز گويا بىر دېڭىز باغلىنىدۇ رىشتىمىز . يامغۇر ياكى قارلاردا ، خۇشاللىق قايغۇلاردا ، ئايرىلمايلى ھەرۋاقىت باھار ياكى قىشتا بىز . گۈلزار سىزنى كۆپ ئەسلەيمەن ئەتىگەندە سەھەردە ، ئۈرۈمچى قەشقەر ئاقسۇ ئالتاي بولسام ھەربىر شەھەردە . قولۇمنى ھەرگىز قويۇۋەتمىسىڭىز مەغلۇبىيەت زەپەردە ، ئاخىرغىچە بىللە ئۆتسەك « ھايات » ناملىق سەپەردە . ئۇچۇرىڭىز توختىمايدۇ دوۋيىن كۇەيشوۋ ئۈندىدار ، ئۇزاق بولدى كۆرۈشەلمىدۇق بوپ كەتتىڭىز كەم دىدار . سىزنى دائىم ئويلاپ تۇرىمەن كىچە ئۇيقۇدىن بىدار ، كام ئۇيقۇ ۋە سېغىنىش ئىلكىدە بۇ يۈرۈكۈم قانداق چىدار… ھازىر جەمىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى ئوغۇللار ھەم قىزلار ، شۇنداق بولسىمۇ تۈزەش ئۈچۈن قالدۇرۋاتىمەن ئىزلار . ھەممە نەرسەم تولۇق مېنىڭ كەم بوپ قالغىنى سىزلا ، كۆرگۈم كەلسىمۇ ساقلاپ تۇرىمەن ئۇچۇرشىمىز تىزلا . ئېتىزدا ئىشلەپ ئۇسساپ قالسىڭىز پىچىپ بېرەي مەن تاۋۇز ، پويىز شوپۇرى ھوشىدىن كەتسە ھەيدەپ كىلىمەن پاراۋۇز . ئۆزگىرەيمەن چىنتۆمۈرگە ، ئۇچراپ قالسىڭىز ئەگەردە ، يەتمىش ياشلىق قاپقارا قاشلىق يەتتە باشلىق يالماۋۇز ! سول قولۇمغا دەپتەر ئالدىم ئوڭ قولۇمغا قەلەمنى ، چۆرۈپ تاشلىدىم كەينىمگە ئازاپلىق دەرت-ئەلەمنى . ياخشى قىز دەپ سىزنى ئىزدەپ نەچچە يىل كەزدىم ئالەمنى ، كۆڭلۈمدىكى سۆيگۈنۈمگە يەتكۈزگىن بۇ نالەمنى… مەن يەرشارى سىز ئاي شارى ئوربىتامنى ئايلىنىڭ ، پاك مۇھاببەت ئوردىمىزدۇر خانىش بولۇپ سايلىنىڭ . مەن پادىشاھ سىز خانىش ، سىز ئەقىللىق مەن دانىش ، نىمە ئۈچۈن يازدىم ، ئېيتتىم ناخشىنى چوقۇم ياخشى ئويلىنىڭ ؟! ئۆزۈم تۈزگەن تۇنجى تېكىست ئوقۇدۇم مۇڭلۇق رەۋىشتە ، گۈلزار سىزنى ياخشى كۆرىمەن قالماڭ ھەرگىز تەشۋىشتە . بولساممۇ دېڭىز ، قۇرۇقلۇق ۋەياكى ئۇچسام ئەرىشتە ، ئۇشبۇ ناخشام سىزگە سوۋغام قەلبىمدىكى پەرىشتە . Hook 2 : يولىڭىزغا تەلمۈرۈپ مەن بولدۇم سىزگە ئىنتىزار ، چىن يۈرەكتىن پاك مېھرىمدىن سۆيىمەن سىزنى گۈلزار . سىز بولسىڭىز دۇكان رەستە بولىمەن قايناق بازار ، يۇلتۇز بولۇڭ مەن كائىنات بەرمەيمەن سىزگە ئازار… « 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى »