BirkunBolsimu

Lyrics: Ghoji Metqurban Music: Ghoji Metqurban ئېچىلسا دېدىم مەن بىر گۈل بولسىمۇ كۈلسىكەن دېدىم مەن ھەربىر كۆڭۈلمۇ تەڭ ياشاپ ھاياتتا سۆيۈلمىگەننى سۆيدۈرەي دېدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ تەڭ ياشاپ ھاياتتا سۆيۈلمىگەننى سۆيدۈرەي دېدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ مىسكىنلەرنىڭ كۆڭلىگە ئۈمىد يېقىشنى ئوتىدا تەڭ كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىشىنى رەنجىنكەن بولسام مەن كەچۈرىشىنى مەن تىلەپ يانمىدىم بىر كۈن بولسىمۇ ئېچىلسا دېدىم مەن بىر گۈل بولسىمۇ كۈلسىكەن دېدىم مەن ھەربىر كۆڭۈلمۇ تەڭ ياشاپ ھاياتتا سۆيۈلمىگەننى سۆيدۈرەي دېدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ دۈشمەنلىرىم كۆز يېشىم كۈتۈپ تۇرسىمۇ تەنە ھەم تۆھمەتتىن قۇرۇپ تۇرسىمۇ مەن يەنە كۆڭلىگە مۇھەببەت تىلەپ ياشاي دەپ كەلدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ ئېچىلسا دېدىم مەن بىر گۈل بولسىمۇ كۈلسىكەن دېدىم مەن ھەربىر كۆڭۈلمۇ تەڭ ياشاپ ھاياتتا سۆيۈلمىگەننى سۆيدۈرەي دېدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ