Lyrics: Umutjan Yakup
Music: Umutjan Yakup
Arranger: Umutjan Yakup
Bilmaydu
سۆزى مەمتىمىن ساۋۇت
مۇزىكىسى ئەسقەر مۇختەر
يامان دەيدۇ سۆيگەننى
كۆرمىگەنلەر بىلمەيدۇ
ئۆز يارىنىڭ ئىشقىدا
يۈرمىگەنلەر بىلمەيدۇ
چەكسىمۇ گەر جاپانى
قىلىپ يارىغان ۋاپا
قۇچاق ئېچىپ ۋىسالى
كۈلمىگەنلەر بىلمەيدۇ
يارنىڭ ئوتى بۆلەكتۇر
چىن ئاشىقلار كۆينەكتۇر
سىناقىدا سۆيگۈنىڭ
ئۆتمىگەنلەر بىلمەيدۇ
دەرت تارتسىمۇ ۋېي دېمەي
چىراي تاللاپ ھەيدىمەي
ئەزىز بىلىپ ۋىجدانى
كەلمىگەنلەر بىلمەيدۇ