Lyrics: Azmat ahmat taran
Arranger: Mirzakbar Saydakbar
«يانىڭدا ئاتاڭ بولسا، دىدارى غەنىمەتتۇر»
ئۆمرۈڭ يولىدا چاپقان تۇلپارى غەنىمەتتۇر.
باسقان ئىزىنى كۆرگىن،ھەيۋەتى بىلەن كەلگەن
بەختىڭگە ئاتاپ ئېيتقان،ئىزھارى غەنىمەتتۇر.
«يانىڭدا ئاتاڭ بولسا، دىدارى غەنىمەتتۇر»
قاشى كىرپەگى بىرلە،بىر بۈيۈك رىۋايەت ئۇ
ساچى، كامالى قاشى ھەر تالى غەنىمەتتۇر.
ياخشى بول بالام دەپ،بەرگەندە ھەم ئازارلار
بالدىن ھەم شېرىن بولغان،ئازارى غەنىمەتتۇر.
«يانىڭدا ئاتاڭ بولسا، دىدارى غەنىمەتتۇر»
ئۆمرىن سەرپ قىلىپ بىزگە،قامىتى مۈكچەيگۈچە.
ئېگىلگەن قامىتى بىرلە بارى غەنىمەتتۇر.
ھەر سۆزىنى يۈز تەكرار،ئېيتسا رەنجىمە ئوغلۇم
ھەر سۆزىدە يۈز مەنا،تەكرارى غەنىمەتتۇر.
ئاتىسىز ئۆيلەر زۇلمەت ،مىسالى زىمىستاندۇر.
ئۇ بارغان ئاۋات رەستە،بازارى غەنىمەتتۇر.
سەن ئاتىسى يوقلاردىن،سورىغىن ئاتا قەدرىن
دەرلەركى ئەمدى بىزگە،مازارى غەنىمەتتۇر.
تەغدىر تار كېلىپ بىر كۈن،كەلسە ئايرىلىش بالدۇر
سەن ئىزلەپ تاپالمايسەن،چىن بارى غەنىمەتتۇر.