ھالىمغا قاراپ باققىن،
پىراقىڭدا خەندانمەن.
لىكىن مىنى قىينىغان،
نازلىرىڭغا ھەيرانمەن.
مەن ھەيرانمەن ھەيرانمەن،
نازلىرىڭغا ھەيرانمەن.
نازىڭ بىلەن قىينايسەن،
ئوتلۇرۇڭدا ۋەيرانمەن.
ئىچىلىسەن چىرايلىق،
مىنىڭ كۈيلىرىم ئاڭلاپ.
خىيالىمنى تۇيدۇرماي،
كۆيۈك ئوتىغا باغلاپ.
ئاشىغلىقنىڭ ئوتلىرى،
يالقۇنلايدۇ گۈلخان دەپ.
ئۇلغايتىسەن ناز بىلەن،
يۈرۈگۈمنى يۇلغاندەك.
ھەيرانمەن ھەيرانمەن،
نازلىرىڭغا ھەيرانمەن.
نازىڭ بىلەن قىينايسەن،
ئوتلۇرۇڭدا ۋەيرانمەن.
ھالىم سوراپ باققىن،
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم.
ئاشىغلىقتىن يانمايمەن،
نازىڭغا كۆنۈپ قالدىم.
ھەيرانمەن ھەيرانمەن،
نازلىرىڭغا ھەيرانمەن.
نازىڭ بىلەن قىينايسەن،
ئوتلۇرۇڭداۋەيرانمەن.