Lyrics: Sarkar
Music: Sarkar
Arranger: DolkoN
,ياغدى لەپ لەپ قار ئويلاپ ئۆتمۈشنى مەن يالغۇز
,بولدىمۇ كۆڭلۈم تار كېچىدە مەن ساناپ يۇلتۇز
,ئېزىتقۇ ئازدۇردى ماڭا بىر پارچە مۇسىبەت يازدۇردى
قىلدىڭ سۆيگۈمنى پەس لىكىن سانىدىڭ پەرىشتە قاپقارا ئازغۇنى
ئەسلەمسەن ئەسلەپ قوي زىلال سەن كۆرۈنۈپ سۈپسۈزۈك بىر ھىلال
ھەسرەت جەريان رەڭسىز قانال پورەك ئېچىشقا يوق ھېچ ئامال
نەدىكى ۋىجداندۇ نەدىكى ئىنساپ نەدىكى ئەقىدە ۋەدە
نەدىكى ئارماندۇ نەدە بىز ئۈچۈن چېلىنار ئەڭ گۈزەل پەدە
رەھمەت گۈلۈمنى تاشلاپ قوي مېنى چىقالماس تۇمانغا باشلاپ قوي
رەھمەت گۈزەل ئۆگەتتىڭ سۆيۈشنى كۆزۈمنى قان بىلەن ياشلاپ قوي
قىلدىم نەچچە رەت ئىلتىجا بىلمىدىم نە سەۋەپ بولغاندۇ بۇ قولنى ئۈزۈشكە
ئېيتقىنىم تويىمىز ناخشىسى بولماس ھىجران ھىكايىنى قايتىدىن تۈزۈشكە
قانداق كۆڭۈلدۇ قانداق يۈرەك ئەجىبا بەدىلىم يىرتىلغان سۈرەت
ھايۋاندىن پەرقىمىز بولمىسا كېرەك سەن سېسىغان يىلتىز مەن سارغايغان تېرەك
كۆڭۈلدىن سۇ ئچسۇنيۇ دەيمىز كۆڭۈلنى پەرۋىشسىز قۇرۇتىمىز
كەلگۈسى ئۈچۈن دەپ مەغرۇر ماڭغان قاپقارا بولدى بۇ يورۇقىمىز
مەن سېنى گۈزەل قىز دەيمۇ
ئۆزەمنى بەخىتسز دەيمۇ
دۇنيادىن كېتىمەن يالغۇز
سېغىنىش ئۆچمىدى بولدۇم بىر لاتا سەندە ۋاپادىن ئەسەر بولمىسىمۇ
مۇھاببەت قەدرىگە يەتمەس مەلئۇن سېنى ئەتراپىڭدا قوللىسىمۇ
سۆيگۈنۈڭ بار تۇرۇپ ھىجىيىپ يۈرەمسەن باشقىلار بىر قۇچاق يوللىسىمۇ
بۇرنۇمغا يېمىدىم ئاتالمىش پەرىزات نەچچەرەت قېتىملاپ گوللىسىمۇ
سىزدىم مەن رەسىمىڭنى بىر ئايدا دېدىڭ سەن تەگدىمۇ بىر پايدا
بېشىمغا بەك سوغاق يامغۇر چۈشتى تۇرۇپ قالدىم مەن شۇ جايدا
ئاتالمىش مۇھاببەت رىۋايەت يۈرەك چۆچەك بولدى قېپ قالدى
مۇھاببەت كىيىپتۇ ئاپپاق بىر لىباس قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ ئېپ قالدى
يامغۇرمۇ ياغمىدى چاقماقمۇ چاقمىدى يۇمدۇمغۇ كۆزۈمنى بولدۇمغۇ جۇدا
بۇ جاھان مۇھاببەت شەكىلگە ئۈندەش قايتىدىن تېرىلىپ كېلىپ قالسام بۇدا
ئەسيادىڭغا يەتسەم چۈشۈڭدە يالغان سۆيگۈنۈڭ بىلىنىدۇ
ۋىجدان ئازابى كۈلسەڭمۇ يۈرۈكۈڭ مېليون
قېتىملاپ تىلىنىدۇ
مۇھاببەت قەدىر قىممەت ئەرزىمەسنىڭ دەستىدىن
ئۇچرىتىمىز ئاشىقلارنى خۇنىك پال پال رەستىدىن
تۇغۇلغان شۇ بۇۋاقمۇ ئۆزگىرەيدۇ ئەسلىدىن
نەۋ باھارمۇ كېلىپ كېتىدۇ غازاڭ تاشلاپ پەسلىدىن
كۆزۈڭدىن يۈتتۈم مەن ئاخىرى پەرىزات ھەسرەت دۆۋىسىدە ئۇۋالدىمەن
توپىغا ئارلىشىپ كۆزۈمدە قان يۈرەك مۇجۇلۇپ نەچچە مىڭ سوئالدىمەن
غورورۇمنى قىلدىڭ دەپسەن نامەرد يولىنى تاللاپ كەپسەن
ئاخىرىدا قالدىڭ يالغۇز سەنمۇ يەر بىلەن بولدۇڭ يەكسەن
ئىسمىمنى چاقىردىڭ ئۆكۈندۈڭ بىر رەت ئەپسۇس يېشىمدا يۇمۇلدى كۆزۈم
يامغۇرغا ئارلاشتى چىلاشتى بەدىنىڭ ئويلۇدۇڭ ئەينى چاغ قىلغان بىر سۆزۈڭ
سۆيگۈ ئۈچۈن ئىسپاتلاندى نەتىجە ھاياتىم بولدىغۇ پىدا
خەيىر سۆيگۈنۈم ئۆتمۈش ئەسلىمە ھەممە تۈگىدى ئەلۋىدا