Lyrics: Rukeya.alim
Music: Rukeya.alim
Arranger: Rukeya.alim
پەرزەنىتلەرنىڭ بەختى سىز دادا،. /ھاياتىمىز نەقشى سىز دادا/دۇنيادا كۆپ ياخشى ئادەملەر /سىز ھەممىدىن ياخشى سىز دادا/. بالىلىق چاغىمدىن ئاسراپ ئەركىلەپ/گاھى ئانامدەك ساچلەرىم سىلاپ/گاھىدا ئاققۇچلەپ كۆڭلۈمگە قاراپ /سىز ھەممىدىن ياخشى سىز دادا. /. سىز مىنىڭ باغىمسىز سۆيەنگەن تاغىم/توغرا يول كۆرسىتىپ ئادەشكەن چاغىم/بالام دەيسىز مىنى دەيسىز ئاپپاغىم /سىز ھەممىدىن ياخشى سىز دادا/. دەردىم ئاڭلاپ تاپىسىز چارە/كىچە كۈندۈز بولۇپ ئاۋارە/مەن ئىيتىمەن يەنە مىڭ بارە /سىز ھەممىدىن ياخشى سىز دادا: كىتكىم كىلمەيدۇ ھىچ قۇچاغىڭىزدىن/بەخىتكە تولغان مىھىر ئوچاغىڭىزدىن/سىز ماڭا كۈچ بەرگەن ياپراغىڭىزدىن/سىز ھەممىدىن ياخشى سىز دادا/مىھىر بەردىڭىز بىزگە مۇناسىپ/ئاتا بولۇپ ئوغۇل قىزگە مۇناسىپ/پەرزەنىت بولاي دەيمەن سىزگە مۇناسىپ/سىز ھەممىدىن ياخشى سىز دادا