Lyrics: Amina Ahmat
ئالالمايسىز
كۆيدۈم دىمەڭ ئالدىراپلا ئەي يىگىت
بۇ كۆڭلۈمدە ئۇنداق ئاسان قالالمايسىز
تولا كۆرگەن مەن مەن دېگەن يىگىتلەرنى
قەلبىمگە ئوت ئۇچقىنىنى ياقالمايسىز
سىزدەك سۇيۇق يىگىتلەرگە كۆڭۈل نەدە
ئويناڭ بېرىپ گاھ ئېتىزدا گاھى شەدە
ئىشەنمەيمەن سىز ياغدۇرغان ساختا ۋەدە
بولدى قىلىڭ مېنى ھەرگىز ئالالمايسىز
ئالالمايسىز ئالالمايسىز ئالالماي.سىز
مەندەك ياخشى ئوبدان قىزنى تاپالمايسىز.