Lyrics: Elyar Akbar
Music: Elyar Akbar
مەن يوق يەردە يىغلىما گۈلۈم,
ياشلىرىڭنى ياتلار كۆرمىسۇن,
خۇيلۇرۇڭغا مەنلە كۆنەيمەن,
ئەيىپىڭنى ھىچكىم بىلمىسۇن,
مەن يوق يەردە يىغلىما گۈلۈم,
سۈرۈتمەيدۇ ھىچكىم يىشىڭنى,
قۇچاغىگە باش قويما ياتنىڭ,
سىلىمايدۇ مەندەك بىشىڭنى,
شاتلىغىڭغا بىرىپ شاتلىقنى,
يات كۆرمەيدۇ تارتىپ ئاچچىقنى,
زەھەر بولسا ساڭا تەڭلەيدۇ,
كۆرسەتمەيدۇ ئەسلا تاتلىقنى,
يىقىلساڭمۇ باغرىمغا يىقىپ,
ئازابىڭنى مەنلا كۆتۈرەي,
مەن يوق يەردە يىغلىما گۈلۈم,
يىغلىمىغىن گۈلۈم ئۆتۈنەي,
مەن يوق يەردە يىغلىما گۈلۈم,
ياشلىرىڭنى ياتلار كۆرمىسۇن,
خۇيلۇرۇڭغا مەنلا كۆنەي مەن,
ئەيىپىڭنى ھىچكىم بىلمىسۇن,