Lyrics: Abdurusul Mamat
Music: Abdurusul Mamat
ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم، قەدىناسىم سەن،
ئۆيۈمنىڭ بەرىكىتى، پەرىشتەم ئۆزۈڭ.
سەن مەشۇق، مەن مەڭگۈ بىر ساڭا ئاشىق،
ياشلانمىسۇن ھەرگىز شۇ قارا كۆزۈڭ.
سەن مېنىڭ بارلىقىم، بەختىمنىڭ تۇمارى،
قەلبىمنىڭ سىردىشى، سۆيگۈنۈم ئايالىم.
سېنى سۆيىمەن مەڭگۈ تائەبەد،
بۇ ۋەدە، مەڭگۈلۈك يۈرەك سۆزلىرىم.
ھاياتىم سەن، بارلىقىم، سۆيگۈنۈم، بەختىم ئايالىم،
سەنسىز يالغۇز ياشاشقا كۆنەلمەيمەن ئايالىم.
مۇزىكا
ئەقىدە، مەڭگۈلۈك يۈرەك سۆزىمىز،
ساداقەت، مەڭگۈلۈك قەلب رىشتىمىز.
چىن يۈرەك سۆيگۈسى، ھايات سۆيگۈسى.
ئۆمۈرلۈك باغلانغان سۆيگۈ رىشتىمىز.
سەن مېنىڭ بارلىقىم، بەختىمنىڭ تۇمارى،
قەلبىمنىڭ سىردىشى، سۆيگۈنۈم نىگارىم.
سېنى سۆيىمەن مەڭگۈ تائەبەد،
بۇ ۋەدە، مەڭگۈلۈك يۈرەك سۆزلىرىم.
ساداقەت، مەڭگۈلۈك ئۆمۈر مەنزىلى.
ھاياتىم سەن، بارلىقىم، سۆيگۈنۈم، بەختىم ئايالىم،
سەنسىز يالغۇز ياشاشقا كۆنەلمەيمەن ئايالىم.
كۆنەلمەيمەن ئايالىم.